ئەمەۋىيلەر، ئەمەۋىي خانىدانلىقى (ئەرەبچە: بنو أمية/الأمويونتۆرت خەلىڧەدىن سوڭرە (632-661)، 661- يىلى مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇڧياننىڭ خەلىڧەلىكنى ھەزرىتى ھاسان بىن ئەلى قولىدىن ئېلىشى بىلەن قۇرۇلغان خانەدان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مىراس قالغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ داۋامىدۇر. مىلادى 750- يىلى ئابباسىيلار تامانىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.

تارىخچە تەھرىرلەش

دەمەشىقتە قۇرغان . ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئەرەب يېرىم ئارىلى ، سۈرىيە ، ئېراق ، پەلەستىن ، ئېران ، ئاففانىستان ، شىمالىي ھىندىستان ، ماۋارەئۈننەھىر ، بۇخارا ، سەمەرقەند ، فەرغانە ، غەربىي شىمالىي ئافرىقا، ئەندۇلۇسىيە ( ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە )، ئىتالىيىنىڭ سېلتسىيە ئارىلى قاتارلىق جايلارغىچە بولغان . ئۇلارنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئۇلار دەمەشقتىن ئىسپانىيىگە يۆتكىلىپ شۇيەردە ئۈمەۋىيلەر خاندانلىقىنى قۇرغان.

شام(سۈرىيە) دىكى ئۈمەۋىيلەر شەجەرىسى

1. مۇئاۋىيە(I) ئىبنى ئەبۇ سوفيان   661-- 680

2. يەزىد(I) ئىبنى مۇئاۋىيە  680-- 683

3. مۇئاۋىيە (Ⅱ) ئىبنى يەزىد   683-- 684

4. مەرۋان (I) ئىبنى ھەكەم   684 -- 685

5. ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان   685 -- 705

6. ۋەلىد (I) ئىبنى ئابدۇلمەلىك   705 -- 715

7. سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك   715 -- 717

8. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرۋان 717 -- 720

9. يەزىد (Ⅱ) ئىبنى ئابدۇلمەلىك   720 -- 724

10. ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك   724 -- 743

11. ۋەلىد (Ⅲ) ئىبنى يەزىد   743 -- 744

12. يەزىد (Ⅲ) ئىبنى ۋەلىد 744

13. ئىبراھىم  744

14. مەرۋان (Ⅱ) ئىبنى ئىبراھىم 744 -- 750

6 - خەلىپە ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك 705 -- 715 تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە قۇتەيبە ئىبنى مۇسىلىم ماۋارەئۇننەھر، بۇخارا، سەمەرقەند ۋە فەرغانە قاتارلىق جايلارنى، مۇھەممەد ئىبنى قاسىم ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى سىندنى، مۇسا ئىبنى نۇسەير بۇلغارىيىنىڭ بىر قىسمىنى، مۇسا ئىبنى نۇسەيرنىڭ قول ئاسىتىدىكى تارىق ئىبنى زىياد مىلادىيە 711- يىلى ئەندۇلۇسىيە ( ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە ) نى پەتھى قىلغان. 750 - يىلى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى قۇرۇلۇپ ئۇمەۋىيلەر خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندا ئۆمەۋىيلەر خان جەمەتىدىن بولغان ئابدۇراخمان ئىبنى مۇئاۋىيە ئىبنى ھىشام قېچىپ قۇتۇلۇپ مىلادىيە 756-يىلى ئىسپانىيىدىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆمەۋىيلەر خانلىقىنى شۇ يەردە قۇرغان. تەسىر دائىرەسى ھازىرقى ئىسپانىيە ، پورتۇگالىيە ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدىكى تاقىم ئاراللار ۋە ئىتالىيىنىڭ سېلىتسىيە ئارىلى قاتارلىق جايلار بولغان .

ئەندەلۇسىيە( ئىسپانىيە ، پوتۇگالىيە ) دىكى ئۆمەۋىيلەر شەجەرىسى

15. ئابدۇرەھمان (Ⅰ)  [ داخىل ]   756 -- 788

16. ھىشام ئىبنى ئابدۇرەھمان   788 -- 796

17. ھەكەم ئىبنى ھىشام   796 -- 822

18. ئابدۇرەھمان ئىبنى ھەكەم   822-- 852

19. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرەھمان   852 -- 886

20. مۇنزەر   886 -- 888

21. ئابدۇللاھ   888 -- 912

22. ئابدۇرەھمان ئىبنى ئابدۇللاھ   912 -- 961

23. ھەكەم ئىبنى ئابدۇرەھمان   961 -- 976

24. ھىشام ئىبنى ھەكەم   976 -- 1009

25. مۇھەممەد ئىبنى ھىشام   1009 -- 1010

26. سۇلايمان   1009 -- 1013

27. ئابدۇرەھمان   1023 -- 1024

28. ئابدۇرەھمان     1018

29. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرەھمان 1023 -- 1024

30. ھىشام ئىبنى مۇھەممەد   1029 -- 1031

مىلادىيە 1031 -يىلى تائىفىيلەر خانلىقى( 1031 - 1091 ) ئۆمەۋىيلەر خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. تائىفىيلەر مىلادىيە 1091 - يىلىغىچە 11 كېنەزلىككە بۆلۈنۈپ دەۋران سۈرگەن. ئۇلاردىن كىيىن شىئەلەر ئىچىدىن چىققان مۇۋەھھېدىيىلەر خانلىقى( 1121 - 1269 ) 1269-يىلغىچە دەۋر سۈرگەن. ئۇلارنى مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈپ قۇرغان ئەھمەرىيلەر خانلىقى( 1235 - 1492 ) ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئەھمەرىيلەر خانلىقى 1492 -يىلىغا كەلگەندە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىن مائارىپتا ئارقىدا قالغانلىقى، ئاسىيا - ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى مۇسۇلمانلاردىن ياردەم كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىدا ئاغدۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كىيىن مۇسۇلمانلار ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىدىن كۆچۈپ كەتكەن. كۆپ قىسمى خىرىستىيان بۇلۇپ كەتكەن.