ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت
ئەنئەنە –بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق يىللىق پەن –مەدەنىيەت ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىدىغان ، مۇكەممەللىشىدىغان ، جۈملىدىن ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان ، مىراس قالىدىغان مەدىنىيەتتۇر . ئەجدادلىرىمىز ئەدەپ–ئەخلاق مىزانىنى خېلى بۇرۇنلا ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئەڭ پايدىلىق ئامىل دەپ قاراپ ، كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان ، خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدىكى داۋامىدىكى مول ئىجابى تەجرىبىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە . بىز بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە خەلقىمىزنىڭ مۇقەددەس مەنىۋى بايلىقى دېيىشكە ھەقلىقمىز . مۇشۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ، مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان دەۋر تەرەققىيات تارىخىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ ، پۇت تىرەپ تۇرالىشى بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
ئەنئەنە ئادەتلىرىمىزدە دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ، ئۈلگە بولالايدىغان روشەن ئالاھىدىلىكلەر جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى قىممەت قارشىمىزغا ئايلاندۇرۇشقا سەل قارىدۇق.
ھازىرقى مودا مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ جەمئىيەت مۇھىتىغا بۆسۈپ كىرىشى سەۋەبلىك ، ئاز ساندىكى ياشلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ، ئايرىۋېلىش تەس بولغان بولغان ئەبجەش مەدەنىيەتكە چوقۇنۇپ ، تۇرمۇش قارىشى ئۆزگىرىپ ، پەقەت ماددىي بايلىق ۋە پۇلنىلا تونۇشتىن ئىبارەت تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. بىز ئەمدى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرساق ، ئەجدادلىرىمىزغا يۈز كېلەلمىگەندىن سىرت ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قارىغان بولىمىز .
ئەجدادلىرىمىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان بىر قاتار ئەدەپ– ئەخلاق ، قائىدە –يوسۇن ، مىزانلارنىمۇ ئوتتۇرغا ئوتتۇرغا قويۇپ ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن . ئىنساپ ، دىيانەت ، ئاق كۆڭۈللۇك ، سەمىمىي ساداقەتلىك ، ئەدەپ–ئەخلاق ، ئۆزئارا ئىناق –ئىجىللىق ، پاك ، ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ياشاشنى مىزان قىلىپ كەلگەن . مانا بۇ خىل ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەكتەپ تەربىيىسىدىن باشقا ، يەنە جامائەت سورۇنلىرىدىمۇ تەشۋىق قىلىشىمىز ، بۇنى ھەممە كىشىنىڭ ، شۇنداقلا پۇتۇن جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىشىمىز ، شۇ ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئەدەپ– ئەخلاق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇلارنى چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ، باشقىلارغا مېھىر –شەپقەت يەتكۈزەلەيدىغان ، ئەمجكنى سۆيىدىغان، راستچىل ، ئىقتىسادچىل بولۇشقا ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە قانۇن –پرىنسىپلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يىتەكلىشىمىز كېرەك.
ئاتا–بوۋىلىرىمىز بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرغان ئەنئەنىلەر مەيلى ئەخلاق –پەزىلەت جەھەتتە ياكى ئادەمگەرچىلىك،ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ئوخشاشلا مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بىباھا گۆھەردۇر. ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ، تۇرمۇش ساپاسى ، شۇنداقلا تارىخى ئورنىنىڭ قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرەلەيدۇ . ئەنئەنە ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى ، روھى ساغلاملىقىنى تولۇق چۇشەنگىلى بولىدۇ . گەرچە ئەنئەنىمىزنىڭ مەنبەسى ئۇزاق يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭدىكى دەۋر روھى ، تارىخى رول ، ئىجتىمائىي قىممەت ئۆزىنىڭ خاسلىقى ، ئىجابىيلىقى بىلەن يىتەكچىلىك ئورنىنى يوقاتمايدۇ.
پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىلىرىمىزدە تەكىتلەنگەن كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئالاقىدە سەمىمىي بولۇش ، ياخشى پەزىلەت يىتىلدۈرۈش ، ئىناق–ئىتتىپاق ئۆتۈش ، قىيىنچىلىقى بارلارغا خەيرخاھلىق قىلىش قاتارلىق ياخشى خىسلەتلەر بىزنىڭ زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. قىسقىسى ، ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش جەمئىىيىتىمىزدىكى ھەربىر كىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ھېسابلىنىدۇ.[1]
مەنبەلەر
تەھرىرلەش- ↑ مۇھەررىر : قەيـسەر؛ مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 05- 08 15:06؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-05/08/content_189962.htm