ﺋﻪﻳﻠﻪ (أَﻱْﻝَةَ): ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ (ﻗﯘﻟﺰﯗﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ) ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﺎﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﯩﺠﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، ﺷﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﮪﯘﺩﯨﻴﻠﻪﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﻓﺴﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ «7/ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﺋﺮﺍﻑ 163 - ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺷﯘ» ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺮﯨﺒﻪﻥ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﺌﻮﺭﺩﺍﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﻪﺑﻪ ﺷﻪﮪﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ:

تەھرىرلەش

ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﻝ. ﺑﯩﻠﮕﻪ: ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺕ ﯞﺍﻗﻔﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﻪﺳﻰ «ﺋﻪﻗﻪﺑﻪ» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ 2\209-210؛

ﺗﻪﺑﻪﺭﯨﻲ: «ﺗﻪﻓﺴﯩﺮﯗ ﺗﻪﺑﻪﺭﯨﻲ»، 10/507؛

ﻳﺎﻗﯘﺕ ﺋﻪﻟﮭﻪﻣﻪﯞﯨﻲ: «ﻣﯘﺋﺠﻪﻣﯘﻟﺒﯘﻟﺪﺍﻥ»، 1/292.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش