ئەيىن جالۇت ئۇرۇشى

ئەين جالۇت جېڭى (Battle of Ain Jalut, عين جالوت) 1260-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەملۇكلار ۋە موڭغۇللار ئارىسىدا جەلىلەنىڭ جەنۇبىدا، زىرىن دېگەن جاينىڭ يېنىدىكى جەزىر ئويمانلىقىدا يۈز بەرگەن.  بۇ جەڭ موڭغۇل ئىستېلاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەن، شۇنداقلا موڭغۇل ئىستېلاسىنىڭ يۈزمۇ-يۈز جەڭدە دۇچ كەلگەن تۇنجى قېتىملىق مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالغان. رەسىم

موڭغۇللار ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەتلىرىدە قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۆز قۇربانلىرى ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان، ئەمما ئەين جالۇت جېڭىدە ئۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىغان. موڭغۇل ئىلخانىلار خانىدانلىقىنىڭ باشچىسى ھىلاكۇ (ھۇلاكۇ، ھۇلاگۇ) خان مىسىرغا يۈرۈش قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان.

جەڭدىن ئاۋۋال تەھرىرلەش

1251-يىلى مۆڭكە خان موڭغۇل ئىمپېرىيەسىگە خاقان بولۇپلا، ئاتىسى چىنگىزخاننىڭ دۇنياۋىي ئىمپېرىيە قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىلەشتۈرۈشكە باشلىدى ۋە غەربتىكى ئەللەرنى بويسۇندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئاكىسى، چىنگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى ھىلاكۇخانغا تاپشۇردى.

ھىلاكۇ بەش يىلغىچە ئەسكەر يىغقان ۋە 1256-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ھەربىي يۈرۈش ھازىرلىقىنى پۈتتۈرگەن. ھىلاكۇخان پېرسىيەدىكى موڭغۇل بارگاھىدىن چىقىپ (ئەينى ۋاقىتتا پېرسىيە، يەنى ھازىرقى ئىران تەۋەسى موڭغۇللارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان ئىدى) جەنۇبقا يۈرۈش قىلغان. مۆڭكەخان قارشىلىق قىلماي باش ئەگكەنلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ۋە قارشىلىق قىلغان جايلارنى خارابىگە ئايلاندۇرۇۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن ئىدى. ھىلاكۇخان شۇ يول بىلەن ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە خانىدانلىقلارنى بويسۇندۇردى. موڭغۇللارنىڭ ئۆتەر يولىدىكى باشقا ئەللەر موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە موڭغۇل قوشۇنىغا ئەسكەر قوشۇپ بەردى.  قارشىلىق قىلغان 500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ۋە ئەييۇب خانىدانلىقى ۋەيران قىلىۋېتىلدى. ھىلاكۇنىڭ پىلانى جەنۇبتىكى ئىرۇسالىم خانلىقى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا  ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاساسلىق كۈچ سانالغان مەملۇك سۇلتانلىقىغا قاراپ ئىلگىرىلەش ئىدى.

موڭغۇللارنىڭ مىسىرغا ئەلچى ئەۋەتىشى

1260-يىلى ھىلاكۇخان قاھىرەدىكى قۇتۇزنى باش ئېگىشكە چاقىرىپ ئەلچى ۋە مەكتۇپ ئەۋەتىدۇ. مەكتۇپقا مۇنداق يېزىلغان ئىدى:

جاھاندىكى شاھلارنىڭ شاھى چىنگىزخاندىن، شەمشىرىمىزدىن قاچقۇچى مەملۇك قۇتۇزغا. باشقا ئەللەرگە نېمە بولغانلىقىنى ئويلا ۋە بىزگە بويۇن ئەگ. شۇنچە كەڭ زېىمىننى قانداق ئالغىنىمىزنى، دۇنيانى چۇلغىغان تەرتىپسىزلىكلەرنى قانداق تۈزىگەنلىكىمىزنى چوقۇم ئاڭلىدىڭ. نۇرغۇن ئەلنى قىرىپ، زېمىنلىرىنى ئالدۇق. قوشۇنلىرىمىز ۋەھىمىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. قەيەرگە قاچىسەن؟ قايسى يول بىلەن قاچىسەن؟ ئاتلىرىمىز چاققان، ئوقيالىرىمىز تەييار، قىلىچلىرىمىز چاقماق كەبى، يۈرەكلىرىمىز تاغۇ-تاشلاردەك قاتقاندۇر، قوشۇنلىرىمىز قۇمدەك تولا. قورغانلار بىزنى توسالمايدۇ، ئەسكەرلەر بىزگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. تەڭرىڭگە قىلغان دۇئالىرىڭمۇ سېنى بىزدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. كۆز يېشى ۋە نالە-پەريادلار يۈرەكلىرىمىزنى يۇمشىتالمايدۇ. قانىتىمىز ئاستىغا كىرىشنى تىلىگەنلەرلا ئامانلىق تاپىدۇ. ئۇرۇش ئوتى يېقىلىشتىن بۇرۇن جاۋابىنى بەر. قارشىلىق قىلساڭ، بېشىڭغا بالا ياغىدۇ، مەسچىتلىرىڭنى تۈزلەپ خۇدايىڭنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىمىز ۋە قېرى-چۆرە، بالا-چاقىلىرىڭنى قىرىپ تاشلايمىز. نۆۋەتتە سەنلا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولۇپ تۇرماقتىسەن.

قۇتۇز بۇنىڭغا جاۋابەن بارلىق ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ باشلىرىنى قاھىرە شەھىرىنىڭ باب زۇۋېيلا دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويىدۇ.

ئەسكىرى يۈرۈش

بۇ ئارىلىقتا مۆڭكە خان جۇڭگو يۈرۈشىدە ئۆلگەنلىكتىن (سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان جەڭدە) ھىلاكۇخان ۋە باشقا يۇقىرى قاتلامدىكى موڭغۇللار خانلىق ئورنىغا ۋارس بېكىتىش سەۋەبى بىلەن قايتىپ كېتىدۇ.  ھىلاكۇخان قوشۇننىڭ كۆپ قىسىمىنى ئېلىپ قايتىدۇ ۋە ئېفرات دەرياسى بويىدا نايمان ئۇرۇقىدىن بولغان كىتبۇقا نويان باشچىلىقىدا 1-2 تۈمەن (10-20 مىڭ ئەسكەر، بۇ يەردىكى "تۈمەن" ئەسكىرى بىرلىكتۇر) قالدۇرۇپ قويىدۇ.

ھىلاكۇنىڭ قايتقانلىق خەۋىرىنى ئالغان مەملۇك سۇلتانى قۇتۇز تېز سۈرئەتتە قاھىرە ۋە پەلەستىن ئەتراپىدىن زور بىر ئارمىيە تەشكىللەيدۇ. 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، كىتبۇقانىڭ قوشۇنى بالبېكتىكى بارگاھىدىن قوزغىلىپ جەلىلەنى بويلاپ تىبىرىياس كۆلىدىن ئۆتىدۇ.

مەملۇك سۇلتانى قۇتۇزمۇ موڭغۇللار شام ۋە دەمەشىقنى ئىستېلا  قىلغاندىن كېيىن ئىسلامنى موڭغۇللاردىن قوغداش مەقسىتىدە بولۇپ كەلگەن بەيبارس بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.

موڭغۇللارمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىرۇسالىمدىكى ئەھلى سەلپ پادىشاھى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئورۇنىدۇ، ئەمما پوپ ئالېكساندىر ⅳ موڭغۇللار بىلەن بولغان بۇرۇنقى ئاداۋەت سەۋەبلىك بۇنى چەكلەيدۇ.

مەملۇكلار گەرچە ئەھلىسەلىپنىڭ كونا دۈشمىنى بولغان بولسىمۇ، موڭغۇللارنى نۆۋەتتىكى ئەڭ زور خەۋپ دەپ قارىغان كىنەزلەر ئىككى ئارىدا بىتەرەپلىكنى ساقلايدۇ.  شۇنداقلا مەملۇكلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىگە ۋە كېرەكلىك ئەشيالارنى سېتىۋېلىشىغا يول قويىدۇ. موڭغۇللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن، سۇلتان قۇتۇز ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى جەزىر ئويمانلىقىدىكى ئەيىن جەلۇتقا قاراپ يۈرۈشكە باشلايدۇ.

مەملۇك جەڭچىسىنىڭ قوراللىرى

جەڭ

ئىككى تەرەپ 1260-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەين جالۇتتا ئۇچرىشىدۇ، ئىككىلىسىنىڭ 20 مىڭ ئەتراپىدا قوشۇنى بار ئىدى. تەركىبىدە موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان 500 گىرۇزىيە چەۋەندىزى ۋە ئەرمىنىيە ئەسكەرلىرى بولغان موڭغۇل قوشۇنى دەسلەپتە ھۇجۇم باشلايدۇ. يەر شەكلىنى پىششىق بىلىدىغان مەملۇكلار، قۇتۇزنىڭ باشچىلىقىدا ئېگىزلىككە يۇشۇرۇنىدۇ ۋە بەيبارس باشچىلىقىدىكى كىچىك بىر قوشۇن موڭغۇللار بىلەن تۇتۇشۇشقا باشلايدۇ. ئىككى تەرەپ نەچچە سائەت ئېلىشىدۇ. بەيبارس باشچىلىقىدىكى مەملۇكلار موڭغۇللارنىڭ چىشىغا تېگىش ۋە ئۆز قوشۇنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زەربە بېرىپلا قېچىش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. موڭغۇللار يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، ئۆز ھاياتىنى بۇ رايوندا مۇساپىرلىقتا ئۆتكۈزگەن بەيبارس پۈتۈن سەپ بويىچە چېكىنىپ، موڭغۇللارنى قۇتۇزنىڭ ئەسكەرلىرى دەرەخلەرنىڭ ئارقىسىغا جايلاشتۇرۇلغان ئېگىزلىككە باشلاپ كېلىدۇ.  بەيبارسنىڭ تولا زەربە بېرىپلا قېچىشىدىن زەردىسى ئۆرلەپ تۇرغان كىتبۇقا نويان بۇنىڭ توزاق ئىكەنلىكىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا پۈتۈن قوشۇنى بىلەن مەملۇكلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىدۇ. موڭغۇللار ئېگىزلىككە كەلگەندە، مەملۇكلار يۇشۇرۇنغان جايلىرىدىن چىقىپ ئوقيا ۋە چەۋەندازلىرى بىلەن ھۇجۇم باشلايدۇ. موڭغۇللار شۇندىلا ئۆزىنىڭ مەملۇكلارنىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

مەملۇك چەۋەنداز ۋە موڭغۇل چەۋەندازنىڭ ئېلىشىۋاتقان قىياسەن رەسىمى

موڭغۇل قوشۇنلىرى قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. قۇتۇز يىراقتا تۇرۇپ جەڭنى كۆزىتىدۇ. مەملۇكلارنىڭ سول قانىتىنىڭ بۇزۇلاي دەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن قۇتۇز دۇبۇلغىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ موڭغۇللارغا قاراپ ئېتىلىدۇ ۋە ئەسكەرلىرىنى چىڭ تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. موڭغۇللار ئارقىغا يانىدۇ ۋە بىسان ئەتراپىغا كېلىۋالىدۇ، قۇتۇزنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. موڭغۇللار مۇشۇ يەردە قايتىدىن مۇداپىئە سېپى قۇرۇشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئەمما جەڭ ۋەزىيىتى يەر تۈزۈلۈشىگە پىششىق ۋە پىسخىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغان مەملۇكلارنىڭ پايدىسىغا يۈزلىنىدۇ، موغۇللار چېكىندۈرۈلىدۇ. جەڭ ئاخىرلاشقاندا، مەملۇك چەۋەندازلىرى ئىلگىرى نۇرغۇن قوشۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان ئەمما مۇيەسسەر بولالمىغان بىر ئىشنى، موڭغۇللارنى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئەين جالۇت ئۇرۇشى يەنە تارىختا تۇنجى بولۇپ خاتىرىلەنگەن قول توپى (Hand Canon ئەرەبچە: مدفع‎‎) ئىشلىتىلگەن جەڭ بولۇشى بىلەن داڭلىقتۇر. بۇ قورال موڭغۇللارنىڭ ئېتىنى ئۈركۈتۈش ۋە ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن مىسىر مەملۇكلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن.  بۇ پارتلاتقۇچ دورا ۋە توپ14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەبلەرنىڭ كىمياگەرلىك ۋە ھەربىي ئىشلار كىتابلىرىدا تەسۋىرلەنگەن.

ئاقىۋەت

ئەين جالۇتتىكى غەلبىدىن قايتىپ قاھىرەگە ماڭغان قۇتۇز، بەيبارس باشچىلىقدىكى بىر نەچچە ئەمىرنىڭ قەستلىشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. قۇتۇزنىڭ ئورنىغا بەيبارس سۇلتانلىق تەختىگە چىقىدۇ. موڭغۇللار ئاز كەم يېرىم يىلدىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق ھومىس جېڭىدە مەغلۇب بولىدۇ ۋە سۇرىيەدىن قوغلىنىدۇ.

ئىچكى نىزا ھىلاكۇخاننىڭ بارلىق كۈچى بىلەن مەملۇكلارغا يۈرۈش قىلىپ ئەين جالۇت مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشىغا ئارامچىلىق بەرمەيدۇ. ئىلكخانلارنىڭ شىمالىدىكى قىپچاق خانى بەركە خان ئىسلامغا كىرگەن ۋە ئۆز قېرىندىشى ھىلاكۇخاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام دىنىنىڭ روھى باشچىسى سانالغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدىكى ۋەھشىيەتلىرىگە قوشۇلماي كەلگەن ئىدى. مۇسۇلمان تارىخچىسى رەشىددىن ھەمەدانى بۇ ھەقتە بەركە خاننىڭ باغدادقا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئاقلاپ مۆڭكە خانغا يازغان (مۆڭكە خاننىڭ جۇڭگودا ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز) بىر مەكتۇپىنى مىسال قىلىپ مۇنداق يازغان: «ھىلاكۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، خەلىپىسىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى. تەڭرىنىڭ ياردىمى بىلەن شۇنچە بىگۇناھ قانلارنىڭ قىساسى ئۈچۈن مەن ئۇنى بەدەل تۆلىتىمەن». جاسۇسلىرى ئارقىلىق بەركە خاننىڭمۇ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مەملۇكلەر، ئىككى ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى قاتتىق ئېھتىيات بىلەن جانلاندۇرىدۇ.

قۇبلاي خان بولغاندىن كېيىن، ھىلاكۇ 1262-يىلى ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ ۋە مەملۇكلاردىن ئەين جالۇت مەغلۇبىيىتىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن قوشۇن توپلايدۇ. ئەمما بەركە خاننىڭ ھۇجۇملىرى ھىلاكۇنى مەملۇكلارغا ئەمەس بەلكى شىمالغا لەشكەر تارتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 1263-يىلى كاۋكازغا قىلغان ھۇجۇمىدا قاتتىق مەغلۇب بولىدۇ. بۇ، موڭغۇللار ئارىسىدىن چىققان تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا جېدەل بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالىدۇ.