ئەڭ قاتتىق مېتال

مېتاللارنىڭ ئەڭ قاتتىقى خىروم . خىروم قاتتىق بولۇپلا قالماستىن يەنە بەك ئېلاستىك . ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرىدۇ . ئۇزاق ۋاقىت ھاۋادا تۇرسىمۇ داتلاشمايدۇ . ئۇنىڭ ھاۋانى چىرىتشگە قارشى تۇرالايدىان ئىقتىدارى مېتاللار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ .

خىروم چىرتىشكە چىداملىق ھەم پاقىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا مېتاللار ئۇنىڭ بىلەن قاپلىندۇ . بۇنداق قىلغاندا مېتاللارنىڭ سىرتى كۆركەم كۆرنىدۇ، ئىچكى قۇرۇلمىسىمۇ چىرىشتىن ساقلىندۇ .

ۋېلسىپىت دېتاللىرىنىڭ سىرتى، كۆزەينەك جازىسى، سائەتلەرنىڭ قىپى قاتارلىقلار بىر قەۋەت خىروم بىلەن قاپلانغان . پولاتنىڭ يۈزىگە بىر قەۋۋەت خىروم يالتىلسا ئۇنىڭ سۈركىلىشكە چىداملىقى ئاشىدۇ . بىر قىسىم زەمبىرەكلەرنىڭ سېتۋولى، مىلتىقلارنىڭ ئىچىگە بىر قەۋەت خىروم يالتلسا، بىر قانچە يۈز مىڭ قىتىم ئېتىلغاندمۇ خىروم قەۋىتى بۇزۇلمايدۇ.

خىرومنى تۆمۈرگە ئارلاشۇرۇپ تاۋاش ئارقىلىق ئېلاستىكىلقى، چىرتىشكە قارشىلىقى ئىنتايىن ياخشى بولغان داتلاشماس پولاتلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ .

تەركىبىدە خىروم بولغان ماددىلار باشقا ساھەلەردىمۇ كۆلەپ ئىشلىتىلدۇ . مەسىلەن، بىخىرومات كالي - بوياقچلىق، بوياش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەش، ھەل بېرىش، دورىگەرلىك قاتارلىقلاردا كۆپ ئىشلىتىلدۇ . بىخىورومات كالي بىلەن قويۇق سولفات كىسلاتاسىنى ئارلاشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ئېرىتمە ‹‹ يۇيۇش شاھى ›› بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەجىربىخاندا يۇيۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان ئەينەك ئەسۋابلار يۇيلىدۇ . لېكىن، ئۇ خىل ئېرىتمىنىڭ چىرتش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئۇچرىششقا بولمايدۇ.