ئەھلىسەلىپنىڭ ئۇزۇن سەپىرى

مىلادىيە11 - ئەسىردىن باشلاپ، ياۋروپادىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى ئارىسىدا شەرقنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالتۇن، كۈمۈش، پىل چىشى، ئۈنچە - مەرۋايىت ۋە ھۆر - پەرىزاتتەك چىرايلىق قىزلار بار ئىكەن، شەرقنى كىم ئىگىلىۋالسا، شۇ كاتتا زەردارغا ئايلىنىدىكەن، دېگەن گەپ تارقالغان. بۇ گەپ نۇرغۇن خرىستىئان مۇرىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خرىستىئان دىنىنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئارمىيە تەشكىللەپ شەرققە يۈرۈش قىلماقچى بولغان، ئۇلارنىڭ تۇنجى نىشانى مۇقەددەس شەھەر ئېرۇسالىم (قۇددۇس) نى ئىگىلەش ھەمدە خرىستوس ئىيسانىڭ بۇ دۇنيالىق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئىدى.

مىلادىيە1095 - يىلى، فرانسىيىنىڭ كلېرمۇنت شەھىرىدە دىنىي جەمئىيەتنىڭ يىغىنى چاقىرىلىپ، خرىستىئان مۇرىتلىرى غازاتقا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىنىپ، غازاتقا قاتناشقانلىكى ئادەمنىڭ گۇناھتىن تامامەن ساقىت بولىدىغانلىقى جاكارلانغان. شەرققە يۈرۈش قىلغان ئەسكەرلەر كىيىمىگە قىزىل كرېست بەلگىسىنى تىكىۋالغانلىقى، ئارمىيىنىڭ بايرىقىغىمۇ قىزىل كرېست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ قوشۇن تارىختا ئەھلىسەلىپ قوشۇنى، دەپ ئاتالغان.

ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى1095 - يىلى باشلىنىپ، 1291 - يىلى ئاخىرلاشقان بولۇپ، 200 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى چوڭراق بولغىنى8 قېتىمغا يېتىدۇ. ئالدىنقى4 قېتىملىق ئۇزۇن سەپەردە، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى خېلى ئوڭۇشلۇق بولغان. ئۇلار تۇنجى قېتىم (1096 - يىلى) ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ، ئېرۇسالىم پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئېدېسسا گرافلىقى، ئانتىئوك كىنەزلىكى، تەرابۇلۇس گرافلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك دۆلەتنى قۇرغان. ئىككىنچى قېتىم (1147 - يىلى) ئارقا - ئارقىدىن سۇرىيە بىلەن مىسىرنى ئىشغال قىلغان. ئۈچىنچى قېتىم چوڭ ئولجىغا ئېرىشەلمىگەن. تۆتىنچى قېتىم (1202 - يىلى) تۈركىيە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان.

كېيىنكى4 - قېتىملىق شەرق سەپىرىدە، ياۋروپادىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكى پەسكويغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، خرىستىئان دىنى دۆلەتلىرى توختاۋسىز ئۇرۇش قىلىپ مالىيە جەھەتتىن خوراپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەھلىسەلىپ بارغانسېرى پايدىسىز ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ، ئىلگىرى ئىشغال قىلغان زېمىنلاردىن ئارقا - ئارقىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1291 - يىلىغا كەلگەندە، ئەھلىسەلىپنىڭ شەرقتىكى ئەڭ ئاخىرقى تايانچ نۇقتىسى ئاكرېنى قولدىن بېرىپ قويغان. ، شۇنىڭ بىلەن، ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

شۇنداق قىلىپ، ئەھلىسەلىپ دەسلەپتە كۆڭلىگە پۈككەن خرىستىئان دىنىنى شەرققە كېڭەيتىش غەرىزىگە يېتەلمىگەن. لېكىن، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەرق ئەللىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شەرقنىڭ كېمىسازلىق، ساپالچىلىق، توقۇمىچىلىق، زەرگەرچىلىك قاتارلىق تېخنىكىلىرىنى ئالغاچ كەتكەن، بۇلار ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.