بادام ھەققىدە رىۋايەت

مىلادى سەككىزىنچى ئەسىرىدىن بۇرۇن، تۈركىي خەلىقلەر تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن، سېلىنگا دەريالىرىنىڭ بويلىرىدا، سىبىرىيىنىڭ كەڭ يايلاق، ئورمانلىرىدا، بايقال كۆلنىڭ چىمەنلىك قىرغاقلىرىدا ئىنتايىن راھەت - پاراغەت ئىچىدە ياشايدىكەن. بىراق، مەلۇم يىللارغا كەلگەندە تاسادىپىي ئوردۇس يايلىقى تەرەپتە ۋابا كېسىلى تارقاپ، ھەش - پەش دېگۈچە پۈتكۈل شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك قاپلاپ كېتىپتۇ. خەلق تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆلۈشكە باشلاپتۇ. ئاۋات بازار، سەھرا، يايلاقلار مۇسىبەتكە چۆكۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرغىزلارنىڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشى، ئوردا ئىچىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىشلار ئەۋج ئېلىپ كېتىپ، سان - ساناقسىز كىشىلەر ئۆلۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىيار خارابىلىككە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلاپتۇ.

بىر كۈنى ئىلتەرىش خاقان ۋەزىر تۇنيۇقۇققا كىمدە كىم خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋابا ئاپىتىدىن ساقلاپ قالغۇدەك بىرەر دورا - دەرمەك تاپالىسا، بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن بېرىپ ئوردىدا ياردەمچى ۋەزىرلىك ئونۋانىنى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە يارلىق چۈشۈرۈش پەرمانىنى بېرىپتۇ.

خاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن، ۋەزىر تۇنيۇقۇق دەرھال نەچچە نۇسخا تەييارلاپتۇ. نەچچە يۈز ئاتلىق جاكارچىغا ئەمىر قىلىپ، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ھەممە يەرنى ئارىلاپ ۋابا كېسىلىنى ساقايتىشنىڭ بىرەر ئۆنۈملۈك دورىسى ياكى ئۇسۇلىنى بىلىدىغان تېپىپ تېپىشقا ماڭدۇرۇپتۇ.

ئارىدىن ئون كۈن ئۆتۈپ، ئالتايدىكى ئالتۇن ئوردا ئىچىدە كۆزى كۆرمەس بىر تېۋىپنىڭ ۋابا كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدىكى تەكلىپى تۇنيۇقۇق ۋەزىرگە مەلۇم بوپتۇ. تېۋىپنىڭ تەكلىپىدە ۋابا كېسىلىگە ئۇچرىغۇچى بىمار ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ھەركۈنى ئۈچ تالدىن يەتتە تالغىچە بادامنى يەپ ئارقىدىن بىر تاۋاق سۈت ئىچسە، چوقۇم ساقىيىدىغانلىقى ئېيتىلغانىكەن.

تۇنيۇقۇق ۋەزىر پۈتۈن دۆلەتكە پەرمان چۈشۈرۈپ، ۋابا كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بىمارلارغا بادام مېغىزى يېدۈرۈش لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتۈپ تەرەپ - تەرەپىتىن خۇش خەۋەرلەر كېلىشكە باشلاپتۇ. خەۋەردە بادام مېغىزىنىڭ راستتىنلا ۋابا كېسىلىگە شىپا بولىدىغانلىقى، ھەتتا بادام مېغىزى تېپىلمىسا، بادام دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يېسىمۇ مەنپەئەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىپتۇ. بۇ خۇش خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا ئۇقۇلۇپ بىردەمدىلا ئىچكى توققۇز قەبىلىگە ۋە تاشقى توققۇز قەبىلە خەلقىگە مەلۇم بوپتۇ، سىبىرىيىدىكى يەنسەي دەرياسى بويىدىكى غەربتىكى باغداتقىچە ھەممە كىشى بادام مېۋىسىنىڭ خاسىيىتىنى ئاڭلىشىپتۇ.

ئىلتەرىش خاقان تۇنيۇقۇقتىن بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپتۇ. شۇنداقلا پۈتۈن دۆلەت، خانلىق تەۋەسىدە بادام مېغىزىنىڭ ئالتۇندىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن باھاغا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلتەرىش خاقان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بۇيرۇق ئېلان قىلىپ ھەر بىر پۇقرانىڭ ئون تۈپتىن بادام دەرىخى ئەھيا قىلىشى ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ مەملىكەت تەۋەسىدىكى پۇقرالار ۋابا كېسىلىنىڭ ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپتۇ. ئالتايدىكى ئالتۇن ئوردا ئەتراپىدىكى بىر يايلاققا ناھايىتى كاتتا بادامزارلىق بەرپا بولۇپتۇ.

ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىشقان بادامنىڭ شۇنچىۋىلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى بىلگەن خەلق بادام دەرىخىنى كۆز گۆھىرىدەك ئەتىۋارلايدىغان، ئاۋۇتىدىغان، ئاسرايدىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پىشىپ يېتىلگەن بادام مېۋىسىنىڭ شەكلىنى رەختلەرگە چۈشۈرۈپ زەدىۋال قىلىپ ئۆيلىرىگە تارتىۋالىدىغان، بىناكارلىق ئىشلىرىدىكى نازۇك نەقىشلىرىگە بادامنىڭ شەكلىنى چۈشۈرىدىغان، ھەتتا پالتا، كەكە، چوت سوقىدىغان تۆمۈرچىلەرمۇ ياسىغان سايمىنىنىڭ مەڭزىگە بادامنىڭ شەكلىنى بېسىپ چىقىرىدىغان بوپتۇ.

قارىغاندا ھېلىمۇ كىشىلەر بادام شەكلى چۈشۈرۈلگەن دوپپىلارنى كىيىشىدىكەن ۋە ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ «بادام دوپپا» دەپ ئاتىشىدىكەن.