بارات كېچىسى ئويۇنى

بۇ دىنىي مۇراسىم ئويۇنى بولۇپ ، ھەر يىلى رامىزان ئېيىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ ، شۇڭا ئۇ <بارات كېچىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كۈنى كىشىلەر ئۆي - ئۆيدىن ياغلىققاپاق، توغاچلاردىن يېقىلغان مەشئەللەرنى كۆتۈرۈپ ، قەبرىستانلىقلارغا توپلىنىپ ، ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ. مۇقام ۋە ھۆكمەتلەرنى ئوقۇپ ، ساما سالىدۇ ، ھېكايە - چۆچەك ۋە قىسسە ئېيتىشىدۇ. شۇنداقلا ، مەھەللىدىكى ياشلار - بالىلار جەم بولۇپ ، ياغلىققاپاقنى ئۇزۇن بادىرنىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ ، مەسچىتنىڭ ئۆگزىسى ياكى مەھەللىدىكى ھەممە كىشى كۆرەلەيدىغان ئېگىزلىككە چىقىپ مەشئەل يېقىپ : بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ ، قازانغا ياغنى قۇيدۇڭلارمۇ ، دەپ باشلىنىدىغان <بارات قوشىقى> نى يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىگە خاس ئاھاڭى بىلەن توۋلاپ ھەممە كىشىنى <بارات كېچىسى> نىڭ كىرگەنلىكىدىن خەۋەردار قىلىدۇ. بۇنى <ۋەششەمسى توۋلاش> دەپ ئاتايدۇ. <ۋەششەمسى> توۋلىغانلارغا كىشىلەر ئۆيلىرىدە پىشۇرغان پاشكال - قۇيماقلارنى ھەدىيە قىلىشىدۇ ، <بارات كېچىسى> ئەرۋاھلارنى يوقلاش مۇراسىمى بولۇپ ، كونا بارات ، يېڭى بارات دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ . بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدادلارنىڭ روھىغا سېغىنىش كونا بارات، شۇ يىلى ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى يوقلاش يېڭى بارات دېيىلىدۇ . <بارات كېچىسى> گەرچە ئىسلام دىنى مۇراسىمى ئويۇنى دەپ قارالسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا <ئەجدادلار روھىغا سېغىنىش> تىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ روھى سىڭگەن ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش