ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جورج H.W بۇشنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ سابىق 1-خانىم باربارا بۇشنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 17-ئاپرېل 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

رەپىقسى
بار بارا بۇش

ئاساسى ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

تۇغۇلغان ۋاقتى؛ 1925-يىلى 6 ئاينىڭ 25 كۈنى

تۇغۇلغان يەر: ئامىركىنىڭ نىيۇۋيۇرك شىتاتىنىڭ نىيۇۋيورك شەھىرى

ۋاپات بولغان چاغ: 2018 يىلى 4 ئاينىڭ 17 كۈنى

يولدىشى: ئامىركىنىڭ 41-ئەل بىشى جورج بوش (قېرى بوش)

قەبىرىسى: جورج بوش ئال بېشى كۈتۈپخانسى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى: سمىس ئىنىستۇتى

ھەققىدە تەھرىرلەش

بار بارا بىلەن جورج H.W بۇش 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى توي قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى نىكاھى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان زۇڭتۇڭ ئەر-ئايال بولۇپ قالغان، بۇ يىل ئۇلارنىڭ نىكاھى 73-يىلىغا قەدەم قويغانىدى. ئۇلار توي قىلغاندا باربارا ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن، جورج بۇش دېڭىز ئارمىيە ئۇچقۇچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتاتتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ئەر-ئايال تېكساسقا كۆچۈپ بېرىپ نېفىت ئېچىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان، ئالتە بالىلىق بولغان.

1989-يىلى جورج بۇشنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ئۇ مەرۋايىت مارجان تاقاپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا مودا ئېقىمىغا يول ئېچىپ بەرگەن. بىراق، ئۇ بۇ مارجاننى بوينىدىكى قورۇقلارنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە تاقىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن «مەرۋايىت» باربارانىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ قالغان.

مەنبە تەھرىرلەش

نۇر تورى http://www.nur.cn/news/2018/04/474928.shtml