باسمىل: باسمىللار ئەسلىدە ئۆتۈكەن تېغى باغرىغا، يەنى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىغا، قىرغىزلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جايلارغا ماكانلاشقان بولۇپ، بىر قىسىمى يەنە بۇغدا تېغىنىڭ شىمالىدىكى بېشبالىق رايونىدىمۇ ئولتۇراقلاشقان. تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، باسىمىللار ئوۋغا ماھىر بولۇپ، چاپا بىلەن بۇغا -مارال ئوۋلىغان، ھەر خىل كوكتات ۋە زىرائەتلەرنىمۇ ئۆستۈرگەن كېيىنكى شەرقىي تۈرك خان جەمەتىدىكىلەر باسمىللارنىڭ مىراسخور ئاقساقاللىرى بۇلۇۋالغان، كېيىن باسمىللارنىڭ ئاقساقىلى ئاشىناش (阿史那施) ئۇيغۇر ۋە قارلۇق قەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ، مىلادىيە 742-يىلى تۈركلەرنىڭ پان كۆل تېكىن (判阙特勒) نى ئۆلتۈرۈپ، كۆل بويلانىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا زور ياردەم بەرگەن. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى موڭغۇلىيە ۋادىسىدا ئۆز ئورنىنى قايتا تىكلىگەندىن كېيىن باسىمىللار ئون ئۇيغۇرلار رەھبەرلىگىدىكى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. ئاتاقىلىق تۈركولوگ بارتولد باسمىللار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇ چاغلاردا بېشبالىقتا ياشايتتى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى «ئىدىقۇت» دەپ ئاتىلاتتى، كېيىن «ئىدىقۇت» دېگەن نام باسمىللاردىن ئۇيغۇرلارغا مىراس بولۇپ قالغان، دېگەن. «ئومۇمىي قامۇس» تا: «تۈتۈنى ئىككى مىڭ» دېيىلگەن.