باشقا بەلگىلىمىلەر

8- باب باشقا بەلگىلىمىلەر

  123- ماددا باشقا قانۇنلاردا توختام توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  124- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدا ياكى باشقا قانۇنلاردا ئېنىق بەلگىلىمە بولمىغان توختاملارغا مۇشۇ قانۇننىڭ ئومۇمىي پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى ياكى باشقا قانۇنلاردىكى ئەڭ ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
  125- ماددا ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا توختام ماددىلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتە تالاش كۆرۈلسە، توختامدا ئىشلىتىلگەن سۆز- جۈمىلىلەر، توختامدىكى ئالاقىدار ماددىلار، توختامدىكى مەقسەت، سودىلىشىش ئادىتى ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، شۇ ماددىلارنىڭ ھەقىقىي مەنسىنى بېكىتىش لازىم.
  توختام ھۆججەتلىرى ئىككى خىلدىن ئارتۇق يېزىقتا تۈزۈلگەن ھەمدە ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ پۈتۈشۈلگەن بولسا، ھەر قايسى يېزىقتىكى ھۆججەتلەردە ئىشلىتىلگەن سۆز- جۈملىلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ. ھەر قايسى يېزىقتىكى ھۆججەتلەردە ئىشلىتىلگەن سۆز- جۈملىلەر بىردەك بولمىسا، ئۇنىڭغا توختامنىڭ مەقسىتىگە ئاساسەن ئىزاھات بېرىش كېرەك.
  126- ماددا چەتكە چېتىشلىق توختام تۈزۈشكۈچىلەر توختامدىكى تالاشنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى تاللىۋالسا بولىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، چەتكە چېتىشلىق توختام تۈزۈشكۈچىلەر تاللىمىغان بولسا، توختام بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە ئىجرا قىلىنىدىغان جۇڭگو چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار توختامى، جۇڭگو- چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار توختامى ۋە جۇڭگو- چەت ئەل تەبىئىي بايلىقلارنى ھەمكارلىشىپ چارلاش، ئېچىش توختامغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرى تەتبىقلىنىدۇ.
  127- ماددا سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسدە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، توختامدىن پايدىلىنىپ دۆلەت مەنپەئىتىگە، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
  128- ماددا ئالاقىدارلار توختامدىكى تالاشنى كېلىشىش ياكى مۇرەسسە بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ.
  ئالاقىدارلار كېلىشىش، مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشىش، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. چەتكە چېتىشلىق توختام تۈزۈشكۈچىلەر كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن، جۇڭگودىكى كېسىم ئاپپاراتىغا ياكى باشقا كېسىم ئاپپاراتلىرىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار كېسىم كېلىشىمى تۈزمىگەن ياكى كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىم قارارى ۋە مۇرەسسەنامىنى ئىجرا قىلىش لازىم؛ ئىجرا قىلمىغانلىرىدا قارشى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  129- ماددا خەلقئارا مال سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى بىلەن تېخنىكا ئىمپورت- ئېكسپورت توختامىغا ئائىت تالاش ئۈستىدە دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتى تۆت يىل بولىدۇ، ئۇ ئالاقىدارلار ئۆز ھوقۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا توختام تالاشلىرى ئۈستىدە دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.