باغچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. 1965-يىلى ناھىيە بازىرىدىكى 4-، 5-گۇڭشېسى ۋە تازغۇن 1-گۇڭشې بىرلەشتۈرۈلۈپ باغچى گۇڭشې قۇرۇلغان. 1984-يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەن. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13.5 كىلومېتر. باغچى يېزىسى كۆلىمى 116 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 19 مىڭ بولۇپ،ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىككى مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99.6 نى ئىگەللەيدۇ.

باغچى يېزىسى

巴合齐乡.Baghchi town

يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە يېڭىشەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 14 دانە
نوپۇس 21.9 مىڭ
يەر مەيدانى 116 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

باغچى يېزىسى قارمىقىغا قاراشلىق سىرىما كەنتى، يۇقارقى سىرىما كەنتى، تۈگمەنچى كەنتى، خانقۇم كەنتى، باغچى كەنتى، باش بۇچى كەنتى، ياغاچ قالىق كەنتى، ئارقا مەسچىت كەنتى، توپاقلا كەنتى، ئاياغ بۇچى كەنتى، ئېگىزئېرىق كەنتى، يېزىلباغ كەنتى، قاقچى كەنتى، مەسچىت ئالدى كەنتى قاتارلىق 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

باغچى يېزا-كەنىت تەۋەسىدە سازلىق، قومۇشلۇق، بۇلاق قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، كېۋەز، قوناق قاتارلىقلار. چارۋىچىلىقتىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك بېقىش قاتارلىقلار بار. يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش، ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش، بىناكارلىق قاتارلىقلار بار.

مائارىپى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش