باقى ھاجى يۈسۈپ

ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇتەخەسىسىسى مەرھۇم ئۇستاز باقى ھاجى يۈسۈپ 1933- يىلى خوتەن لوپ ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى بۇيا يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدا تۇغۇلغان.

قىسقىچە ھاياتى تەھرىرلەش

ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياش چاغلىرىدا، ئۆز يۇرتىدا تېبابەتچىلىككە دائىر دەسلەپكى ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا تېۋىپلىق قىلغان. 1981-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ھەم ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجىربىسىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش بىر قەدەر قىيىن ھەم مۇرەككەپ بولغان ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى، قان تومۇر سېستىمىسى كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى، سۈيدۈك يولى سېستىمىسى كېسەللىكلىرى ۋە بوغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا كۆرىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن ھەم تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.

«ئادىراسمان مەلھىمىنىڭ يېڭى دورا تەتقىقاتى» ۋە «غەيرىي تەبئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى كىلىنكىلىق دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ۋە تەجىربىلەرنى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش» قاتارلىق ئاپتونۇم رايونلۇق، دۆلەتلىك پەن-تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم «زۇكام جەۋھىرى»، «قۇۋۋىتى ئەلا ئىچىملىكى»، «ئانار شەربىتى»، «قىزىلگۈل گۈلقەنتى»، «چايلىق»، «سىيادان مېيى» قاتارلىق دورىلارنى يېڭى دورا ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈپ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىگە ئاساس سالغان. سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى» نى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 2003-يىلى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنىنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 26 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

مەرھۇم ئۇستاز باقى ھاجى يۈسۈپ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچىدە، 82 يېشدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

خىزمەت تەھرىرلەش

ئۇ ھايات ۋاقتىدا، ئاپتونۇم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق قىزىل كېرست جەمئىيتى، ئاپتونۇم رايونلۇق 4- نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونۇم رايونلۇق يېڭى دورىلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە سېستىمىسىدىكى مۇنەۋەر مۇتەخەسىسىلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق جۇڭيى-مىللىي سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانلىرىنى باھالاش كومېتىتىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ژۇرنىلى تۈزۈش ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى»، ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كادىرلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى»، ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە سېستىمىسى بويىچە «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى»، «مۇنەۋەر مۇتەخەسىس» بولۇپ باھالانغان. ئۇ يەنە، جۇڭگو جۇڭيى تېبابەتچىلىك دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ئاسپىرانت يېتەكچىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئىدى.

مەنبە تەھرىرلەش

جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى http://www.uycnr.com/zl/rw/201404/t20140417_773451_1.html