بايىرقۇ: بايىرقۇلار ھەققىدە «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: قۇملۇقنىڭ شىمالىغا تارقىلىپ ئورۇنلاشقان، بۆگۈ (بارغۇت) لەرنىڭ شەرقىدە، موغاللار (靺鞨) بىلەن قوشنا ياشايدۇ. 60 مىڭ چېدىرلىق تۈتۈنى، مىڭ ئەسكىرى بار، يېرى ئوت-چۆپلىرى مول جاي بولۇپ، نەسلىك ئات، ئېسل تۆمۈر چىقىدۇ»[12] دېيىلگەن. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بايىرقۇلار ھازىرقى قۇرۇلۇن، خەيلا دەريالىرىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا تارقىلىپ ياشىغان، شەرقتە خېيلۇڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسدىكى مۇغاللار بىلەن(موغاللارسۈي-تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئاساسەن ھازىرقى سۇڭخۇاجىياڭ، مۇدەنجىياڭ ۋە خېيلۇڭجىياڭ دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى جايلاردا ياشىغان)قوشنا بولغان. بىراق، بەزىلەر بايىرقۇلارنىڭ شەرقتىكى، يەنى خېيلۇڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى قوشنىلىرى سىبىرلار (يەنى شىرۋىلار)ئىدى، دەپمۇ قارايدۇ.