قىش كېتىپ باھار كەلدى، 

تۈن كېتىپ سەھەر كەلدى.

ئەل - خالايىق بەختىگە،

نورۇز مۇبارەك شاد كەلدى.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان باھار مەشرىپى - ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى، يەنە نورۇزنى قۇتلۇقلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشرەپ. بۇ كۈن تەبىئەت بايرىمى، ئۇلۇغ <نورۇز> كۈنى بولغاچقا، ئەل شادلىققا چۆمىدۇ. كىشىلەر يىراق - يېقىن، يېزا -قىشلاقلاردىن تۆگە، ئات، ئېشەك، ھارۋىلىرى بىلەن كېلىدۇ، پۈتكۈل ئەل - يۇرت بىر يەرگە جەم بولۇپ كوللېكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. نورۇز كۈنى <باھار مەشرىپى> دىن باشقا ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنە بالىلارنىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇش، ھەجەڭگە ئۇچۇش، چوكانتالدىن ئاتلىغۇچ ياساپ ئويناش، قوشلىغۇچ ئويناش، ئوردام كۆچ، تۆگە - تۆگىلەڭ، ھاي - ھاي ئۆلەن، چامغۇر يۇلۇش ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ. ئوغۇللار تال چىۋىقتىن پۈرگۈچ، سۇناي چىقىرىپ ئوينىسا، قىزلار تال چىۋىقتىن جالا چىقىرىپ چاچلىرىغا ئېسىپ باھار قىز سىياقىدا ياسىنىپ ئوينايدۇ. قىسقىسى، كىشىلەر باھار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق باھارغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. نورۇز كۈنى نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ. نورۇز ئېشىنىڭ ئۈندۈمىسى پەقەت بۇغدايدىنلا تەييارلىنىدۇ. بۇغداينى ئۈگۈت قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەڭنىگە سېلىپ سۇدا بىر - نەچچە قېتىم پاكىز يۇيۇپ، سۈيىنى ساقىتىپ ئۆينىڭ ئىسسىقراق جايىغا قويۇپ بىخلاندۇرىدۇ، ئۈندۈرمە تەييار بولغۇچە پۇراپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم سوغۇق سۇدا چايقىلىدۇ. ئۈندۈرمە بىر يېرىم سانتىمېتىر ئۆسكەندە بىخلاندۇرۇشتىن توختىتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۈندۈرمىدە شېكەر ماددىسى كۈچىيىپ، ئاجايىپ تاتلىق بولۇپ كېتىدۇ. ئۈندۈرمە تەييارلانغاندا بىخ سۈرۈپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئەگەر بىخ سۈرۈپ قالسا ئەسلىدىكى تاتلىق تەمى ئاچچىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۈندۈرمە تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇنى قۇرۇتۇپ ئۇۋۇلاپ بىخ بىلەن دان ئاجرىتىلىدۇ ۋە ئاجرىتىۋېلىنغان داندىن يارغۇنچاقتا يارما تەييارلىنىدۇ. ئۈندۈرمىنىڭ تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن نورۇز كۈنى، مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا قازان ئېسىلىپ نورۇز ئېشى تەييارلىنىدۇ. مەشرەپكە كىرەلمىگەنلەر ئۆز ئۆيلىرىدە ئېتىپ يېيىشىدۇ. بۇغداي يارىسى قايناپ، قويۇلاي دېگەندە ھېلىقى داندىن ئايرىۋېلىنغان بىخ قازانغا سېلىنىدۇ. قازاننى يەنە سۇس ئوتتا قاينىتىپ چوكىغا ئىلىنغۇدەك بولغاندا نورۇز ئېشى پىشقان بولىدۇ، مەشرەپ ئەھلى قاچا ئىشلەتمەي چوۋات ناننىڭ ئۈستىگە ئۇسسۇپ چوۋات بىلەن قوشۇپ يەيدۇ. بۇ تاماق يېڭى يىل كىرگەن كۈنى يېڭى يىلنىڭ <تۇنجى> بىخىدىن تەييارلانغان <تۇنجى> تاماق بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر بۇ ئاشنى <نورۇز ئېشى> دەپ ئاتىشىدۇ. باھار مەشرىپىدە مېھمانلار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەشرەپ مەيدانىغا قىشچە ئەتىۋارلاپ، ئۆيمۇ ئۆي كۆچۈرۈپ يۈرۈپ چوڭ قىلغان <كۆك> ئېلىپ كىرىلىدۇ. سورۇن ئاقساقىلى جامائەت ئالدىدا كۆكنى قىرقىپ، قىرقىغان كۆك بىلەن كۆك ئۆستۈرگەن قاپاقنى سۇغا ئېقىتىۋېتىدۇ. بۇ <كۆنى كۆكلەمدىن كۆرۈڭ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ، باھارنىڭ ۋە كۆكنىڭ كۆكلەم بىلەن ئۇلاشقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەشرەپ بېگى كۆك مەشرىپىنڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، باھار مەشرىپىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ. <ھاي - ھاي ئۆلەن> مۇزىكا ساداسى ئىچىدە چېچىغا تال چىۋىقتىن جالا چىقىرىپ ئېسىۋالغان، بېشىدىكى تال چىۋىقتىن ياسالغان چەمبەرنىڭ ئەتراپىغا باھار چېچەكلىرىنى قىستۇرۇۋالغان، تال چىۋىقتىن ياسالغان سېۋىتىگە باھار چېچەكلىرىنى سېلىۋالغان. پەرىزاتتەك گۈزەل، ئوماق بىر قىزنى باھارنىڭ سىمۋولى قىلىپ مەيدانغا ئېلىپ كىرىدۇ ۋە پۈتكۈل جامائەت باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. بۇنىڭ كەينىدىن چاق ئۇسسۇلى ئوينىلىدۇ. چاق ئۇسسۇلىنى ئورۇنداشتا، يارىيار ھارۋىنىڭ ئىككى چاقى ئوقى بىلەن قوشۇپ چىقىرىۋېلىنىپ بىر چاقنى مىدىرلىماس قىلىپ يەرگە كۆمىدۇ. يەنە بىر چاقنى ئاسمانغا قارىتىلغان چاق ئۈستىگە چاچلىرىغا جالا ئېسىۋالغان، بېشىغا چوكانتالدىن باش چەمبىرىكى كىيۋالغان، باش چەمبىرىكىگە باھار چېچەكلىرىنى قىۋالغان باھار قىزى چىقىپ مۇرەككەپ، لېكىن نەپس ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بەرىكىتىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ چاق ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇسسۇلچىنىڭ چاقماقتەك تېز ۋە نەپس ھەرىكىتىدىن پۈتكۈل سورۇن لەرزىگە كېلىدۇ. چاق ئۇسسۇلى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەشرەپ باشلىنىپ ئاتاغلىق خەلق ئۇسسۇلچىلىرىدىن بىرى مەيدانغا چۈشۈپ خۇشخۇي تەبەسسۇمى ۋە لەرزان، يېقىملىق ئۇسسۇلى بىلەن كۆپچىلىكنى ئۇسسۇلغا تارتىدۇ. مەشرەپ ئەھلى بەس - بەس بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ، ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قىقاسچىلار ئۇسسۇلچىلارغا بارىكاللا ئېيتىشىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قىقار توۋلىشىدۇ، بۇ چاغدا پۈتكۈل مەيدان يېقىملىق مۇزىكا، لەرزان ئۇسسۇل، جاراڭلىق قىقاس قوشۇلۇپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمىدۇ. مەشرەپ شۇ تەرىقىدە بىر ھازا داۋاملاشقاندىن كېيىن ئۇسسۇل ئويناش توختىتىلىپ، خەلق سەنئەتچىلىرىنىڭ ئورۇندىشىدا شىرە ئۇسسۇلى باشلىنىدۇ. شىرە ئۇسسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، <شىرە> دە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر جۈپ قىز - يىگىتنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغاندا بىر - بىرىگە تېگىشىپ كەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن بىر - بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى مەزمۇن قىلىنىدۇ. بۇ مەشرەپتە چاق ئۇسسۇلى، شىرە ئۇسسۇلى، ئات ئۇسسۇلىدىن باشقا يەنە قارا چىراغ ئۇسسۇلى، تۆگە ئۇسسۇلى، توخۇ ئۇسسۇلى، غاز ئۇسسۇلى، شەيتان ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ ئورۇندىلىدۇ. بۇ ئۇسسۇللار شەكلى ھەر خىل، قىزىقارلىق، مەزمۇنى چوڭقۇر، سۇژىتلىق بولۇپ، كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ. يۇقىرىقى نومۇرلار كۆرسىتىلىپ بولغاندىن كېيىن يەرلىك سازلار بىلەن مەشرەپ داۋاملىشىدۇ. سازەندىلەر قىزغىن، يۇقىرى كەيپىياتتا نۆۋەت ئالمىشىپ ساز چېلىپ، مەشرەپنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. بۇ چاغدا <نورۇز ئېشى> مۇ پىشىدۇ. مەشرەپ بېگى جامائەتنى <نورۇز ئېشى> غا تەكلىپ قىلىدۇ. مەشرەپ مەيدانىغا داستىخان سېلىنىدۇ. مەشرەپكە كەلگەن ئاياللار ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن چۇۋاتنى داستىخانغا قويىدۇ. <نورۇز ئېشى> نۇ چۇۋاتلار ئۈستىگە ئۇسسۇپ، جامائەتنىڭ ئېغىز تېگىشىگە سۇنىدۇ. داستىخاندىن ئورۇن تەگمىگەنلەر ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇپ يېيىشىدۇ. مەشرەپكە كەلگەن پۈتكۈل مېھمان يېڭى يىلنىڭ تۇنجى تامىقى <نورۇز ئېشى> غا ئېغىز تېگىدۇ. ئاش يېيىلىپ بولغۇچە كۈنمۇ پاتىدۇ، مەشرەپ بېگى گۈلخانغا ئوت يېقىش بۇيرۇقى بېرىدۇ. گۈلخان غەلىبە ۋە يورۇقلۇققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، يورۇقلۇقنى سېغىنىش، يېڭى يىلغا ئامان - ئېسەن ئۆتۈش، يېڭى يىلنىڭ مول ھوسۇللۇق يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەشرەپ بېگى ئوت يېقىش بۇيرۇقى بەرگەندىن كېيىن، يۇرت چوڭلىرىدىن ئىككىسى گۈلخانغا ئوت ياقىدۇ. ئوت يېقىش بىلەن تەڭ ناغرا - سۇناي ياڭرايدۇ. پۈتكۈل مەشرەپ ئەھلى گۈلخان ئەتراپىغا ئولىشىپ گۈلخاننى ئايلىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. كونا يىلدىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ، يېڭى يىلغا قەدەم باسقانلىقىنى تەبرىكلىشىدۇ. يېڭى يىلدا گۈلخاندەك يېنىپ، غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. مەشرەپ ياڭراق ناخشا - ئۇسسۇل ساداسى ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ." [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش