بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى

بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى( فىرانسۇزچە: Université libre de Bruxelles ، قىسقارتىلمىسى ULB) بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل رايونىغا جايلاشقان. بۇ مەكتەپتە ھازىر تەخمىنەن 24200 ئوقۇغۇچى بار ، ئۇلارنىڭ% 33 ى چەتئەللىك.

2023-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيەدىكى بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇراسىمدىكى پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەنلەرنىڭ قاتارىدا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئايدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش