بىلال ئەزىزى

( 1921__ 1945)

ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىققا ۋە مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھنىسىگە ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەن . ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىزى خوتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان . ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ، « ياش ئۈچقۇنلار ئىتتىپاقى » نى قۇرغان ۋە ئالدىنقى مەسئۇللىرىدىن بولغان . ئەپسۇسكى ، دوستلىرى لۇتبۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 1945 _ يىلى 18- سېنتەبىردە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ چاغدا ئۇ ئاران 24 ياشتا ئىدى .