بىلو ئويۇنى ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنى بولۇپ، ئىككى كىشى ياكى ئىككى جۈپ كىشى قارىمۇ قارشى بولۇپ ئوينايدۇ. ھەر بىر كىشىنىڭ قولىدا چوڭلۇقى چىلاندەك شارچە تاش (ئەينەك ساقا) بولىدۇ. بۇ تاش <بىلو تاش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئويۇندا ئالدى بىلەن بىر كۋادرات مېتىرلىق مەيدان سىزىلىدۇ. بۇ مەيداننىڭ تۆت بۇرجىكىگە بىلو تاش بىمالال كىرگۈدەك تۆت ئوركچە، دەل ئوتتۇرىسىغا بىر مەركىزىي ئوركچە كولىنىدۇ. مەيداننىڭ سىرتىغا قوشۇمچە چېگرا سىزىقلىرى سىزىلىدۇ، مەيدان سىزىقى بىلەن بۇ سىزىقنىڭ ئارىلىقى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئويۇن باشلاشتىن بۇرۇن، چەك تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئالدى بىلەن ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى ئالغان كىشى ياكى تەرەپ مەيداننىڭ سىرت سىزىقىدىن ئىككى قەدەم يىراقلىقتا شارچە تاشنى يەرگە قويۇپ، بارماق قولىنىڭ تىرنىقى بىلەن چېكىپ سىلىق دومىلىتىدۇ. دومىلاتقان شارچە تاش بىۋاستە ئورەككە كىرسە، بۇ ئورەك شۇ كىشىنىڭ ياكى شۇ تەرەپنىڭ بولۇپ، يەنە شۇ كىشى ئۆز ئورىكىدىن بەش سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇپ، يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بىلەن باشقا ئورەكلەرگە قارىتىپ تاش دومىلىتىدۇ. نۆۋەت بىلەن ئىككى كىشى ياكى ئىككى تەرەپ تاش دومىلىتىش جەريانىدا، بىر كىشى ياكى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ تېشىنى مەقسەتلىك ھالدا سوقۇپ ئۆز تېشىنى ئورەككە يېقىنلاشتۇرۇۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ تېشىنى چېگرا سىزىقىدىن چىقىرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ. تاشنى ئورەككە كىرگۈزۈش ئوڭاي بولىدۇ. ئەگەر دومىلاتقان تاش چېگرا سىزىقىدىن چىقىپ كەتسە، كېلەر قېتىملىق دومىلىتىش نۆۋىتى كەلگەندە، ئەڭ باشتا ئويۇن باشلىغاندەك مەيدان سىزىقىدىن ئىككى قەدەم يىراقلىقتىن تاش دومىلىتىدۇ. دومىلاتقان تاش ئورەككە كىرمىگەن، بىراق دائىرە ئىچىدە بولسا، يەنە بىر قېتىم دومىلىتىش نۆۋىتى كەلگەندە، تاش تۇرغان ئورنىدىن دومىلىتىلىدۇ. ئويۇننى ئاشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىر قايسى كىشى ياكى تەرەپ ئالدى بىلەن بەش ئورەككە تاشنى بۇرۇن كىرگۈزۈۋالالىسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ، يېڭىلگەن تەرەپ ياكى كىشى 50 مېتىر ئارىلىققىچە بىر قولى بىر پۇتىغا چېتىلغان ھالدا يۈگۈرۈپ بارىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش