كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى تەھرىرلەش

بىلگە

بىلىملىك، ئالىم، دانىشمەن، پەيلاسوپ، ھېكىم، ئاقىل.

مەنىداش سۆزلۈكلەر تەھرىرلەش

بىلگە

ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن.

«ئالىم» ئىلمدا يۇقىرى بىلىم ھاسىل قىلغان، مەلۇم نەتىجە ياراتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

«دانىش» ، «دانا» ، «ئاقىل» ، ئەقىللىق، زېرەك كىشىلەرگە قارىتىلغان.

«بىلمدان» بىلملىك، جىق بىلىم ئىگ

ئالىمنىڭ ئالدىدا ئاغزىڭنى ئاچما. ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك، ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشقىمۇ بىلىم كېرەك. دانانىڭ سۆزىگە كېپىلنىڭ كېرىكى يوق. دانالار سۆزى _ كۆڭۈلنىڭ كۆزى. ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز . بىلىمداننىڭ بىلىمى كېچىنى يۇرىتىدىغان چىراغ. ئۆز ئۆيىدە قارىغۇ چاشقانمۇ دانىشمەن. پازىل پەزىلىتى بىلەن ئەزىز.

تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى تەھرىرلەش

بىلگە ھېكىم، دانىشمەن، پەيلاسوپ. 1 - 557

بىلگە ئالىم، بىلىمدان. 1 - 557

بىلگە ئاقىل. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: بىلگە ئەرىگ ئەزگۈ تۇتۇپ سۆزىن ئېشىت ئەرزئەمىنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا {بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئىشت، پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.} ئالىم، دانىشمەن ۋە ئاقىل كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئەردەم (پەزىلەت) لىرىنى ئۆگەن، ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئىش يۈزىدە كۆرسەت. بۇ سۆز « بىلگە بەگ _ بىلگە بەگ» دەپ ئەرلەرنىڭ ئېتىمۇ بولۇپ كېلىدۇ. بۇ «بىلىملىك بەگ» دېگەن بولىدۇ. ئۇيغۇر خانى « كۆل بىلگە خان» دەپ ئاتىلاتتى، بۇ ئەقلى سۇ يىغىلغان يەرگە، يەنى كۆلگە ئوخشاش كەڭ دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەقىللىق كىشى « بۆگۈ بىلگە» دەپ ئاتىلىدۇ.

1 - 557

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى تەھرىرلەش

بىلگە

دانىشمەن

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەھرىرلەش

بىلىملىك، چۈشەنچىسى. چوڭقۇر، كۆپ ئوقۇغان كىشى.

بىلىملىك، نەزەر دائىرىسى كەڭ، چوڭقۇر بىلىملىك كىشى.

بىلىملىك، چۈشەنچىسى چوڭقۇر، كۆپ ئوقۇغان كىشى.

شەخىس تەھرىرلەش

بىلگە تۇرغۇن مەمەت

2002-يىلىدىن باشلاپ تور بىكەت ياساشقا باشلىغان، دەسلەپتە فىزىكا تور بىكىتى ياسىغان، كىيىن ئۇلىنىش تور بىكىتى ياسىغان، ئۇنىڭدىن كىيىن باخشى (https://web.archive.org/web/20210330142400/http://www.bahxi.com/) تور بىكتىنى ياسىغان. 2004-يىلىدىن باشلاپ بىلگە (https://web.archive.org/web/20200813025242/http://bilge.cn/) تور بىكىتىنى ياساپ، شۇنى ئاسراپ كەلمەكتە.