بىلگە كۆل قادىرخان

بىلگە قادىرخان تارىختا 300 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ئۇيغۇنۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن؛ فارابى ، مەھمۇت قەشقەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ ئالىملارنى يىتىشتۈرگەن قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك باي دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى. ئۇ مىلادى880-يىلى بالاساغۇن شەھىرىدىكى قارلۇق خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقوقىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن،چوڭ ئوغلى(سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى)بازىر تېكىنگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان‹‹ئارسلانخان››دېگەن نامنى بېرىپ،بالاساغۇن شەھرىنى باشقۇرۇش ھوقوقىنى تاپشۇرغان.كىچىك ئوغلى ئوغۇلچاق تېكىنگە پەقەت ياغما ئورۇقىنىڭلا ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان ‹‹بۇغراخان››دېگەن نامنى بېرىپ ،تالاس شەھرىنى باشقۇرۇش ھوقوىنى تاپشۇرغان ۋە ئۇزاق ئكتمەي ۋاپات بولغان. "L"