بۆگۈ (بارغۇت): بۆگۈ قەبىلىسى « سۈينامە. تېلىلار تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە ئەڭ دەسلەپ ھازىرىقىموڭغۇلىيە خەلقى جۇمھۇرىيىتىدىكى توغلا دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىگە جايلاشقان، غەربتە تۇڭرا قەبىلسى بىلەن ئىناق-ئىجىل ئۆتكەن. مىلاىدىيە 685-يىلى بۆگۈ قەبىلسىىنىڭ بىر قسىم ئائىلىسى تۈركلەرنىڭ رۇلىمىغا ئېسىيان كۆتۈرۈپ ، ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خېشى كارىدورى بويلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان، «يېڭى تاڭنامە»دە: «بۆگۈ قەبىلىسى دولانغۇت (يەنى تۆلەنگۈت ) لانىڭ شەرقىگە جايلاشقان، چېدىرلىق تۈتۈنى 30 مىڭ ئەسكىرى 10 مىڭ. جايلاشقان زېمىنى ئەڭ شىمالىدا بولۇپ، ئادەتتە گېپى ئوچۇق، لېكىن كۆندۈرۈش تەس ئىدى » دېيىلگەن. بۆگۈ قەبىلىسنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ھەم مۇھىم بولۇپ، تارىخى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۆگۈ جەمەتىنىڭ (يەنى بۆگۈ خۇەيئېننىڭ ) ئۈچ قىزى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ياغلاقار جەمەتىدىن كېلىپ چىققان تەڭرى قاغانغا (759-780-يىللار )، تاراس قاغانغا (789-790-يىللار) ياتلىق قىلىنىپ قاتۇن بولغان.