بۇقا بىلەن ئېلىشىش ئويۇنى

بۇقا بىلەن ئېلىشىش ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن پائالىيىتى بولۇپ، كىشىلەرنى قەيسەر، باتۇر، قورقماس قىلىپ تەربىيىلەيدىغان قىزىقارلىق ئويۇندۇر. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا مەشرەپلىرىدە، چوڭ يىغىلىشلىرىدا، توي - تۆكۈن، مەرىكە كۈنلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ئاپالىيەتتە پالۋان يىگىتلەرنى كۈچلۈك بۇقا بىلەن ئېلىشىشقا سالىدۇ. بۇ پائالىيەت خەتەرلىكرەك بولغىنى ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇقا بىلەن ئېلىشىش ئۇسۇلى: بۇقا ۋە بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىن، بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى ناھايىتى چاققان، چەبدەسلىك بىلەن بۇقىنىڭ ئىككى مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋېلىپ، ئىككى قولى بىلەن بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدىن بۇراپ يىقىتىشقا، بۇقا ئىككى مۈڭگۈزىنى تۇتقۇزماي رەقىبىنى ئۈسسۈپ يېقىتىقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋالالماي قالسا، بۇقىنىڭ ئۈسسۈپ يىقىتىۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا، بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇقىنىڭ ئىككى مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋېلىپ كۈچ بىلەن بۇراپ تولغاپ بۇقىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. بەزىدە كۈچلۈك باتۇر يىگىتلەر يۇلۇنىنى ئۈزۈۋېتەلەيدۇ. بۇنداق سورۇندا بۇقا بىلەن ئېلىشىپ غالىب كەلگۈچى باتۇرلارغا سورۇن ئەھلى مۇكاپات ئىنئام قىلىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش