بۇلۇت ھېسابلاش (ئېنگلىزچە: Cloud Computing)  ئالاقە تورى ئاساسىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلى.

بۇلۇت ھىسابلاش سېخىمىسى
ئۇيغۇرچە نامى بۇلۇت ھېسابلاش
ئىنگىلىزچە نامى Cloud Computing
ئالاھىدىلىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك
خەنزۇچە نامى 云计算
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2006-يىلى 3-ئاي

قىسقىچە چۈشەنچە تەھرىرلەش

بۇلۇت ھېسابلاش (ئېنگلىزچە: Cloud Computing)  ئالاقە تورى ئاساسىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئورتاق بەھىرلىنىلىدىغان يۇمشاق-قاتتىق دېتال ماتېرىياللىرى ۋە ئۇچۇرلار ئېھتىياجغا ئاساسەن كومپيۇتېر ۋە باشقا ئەسلىھەلەرگە تەمىنلەپ بېرىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى تەھرىرلەش

ئالاقە تورىدىكى بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى بۇلۇت، سۇنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە، شۇڭلاشقا بۇلۇت دېگەن بۇ ئاتاش ناھايىتى ماس كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ۋە پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا،

بۇلۇت ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: تەھرىرلەش

* ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك

* ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۆز-ئۆزىگە خىزمەت قىلالايدۇ.

* ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا ئىنتېرنېت زىيارەتچىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ.

* مەنبەدىن كۆپ ئادەم تەڭ بەھرىلىنەلەيدۇ.

* مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار: تەھرىرلەش

* مەۋھۈملەشكەن تېخنىكا ئاساسىدا مەنبە ۋە ئىگە بولغان مۇلازىمەتنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

* ئابونىت تېرمىنالىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش يۈكىنى ئازايتىدۇ.

* ئابونىتنىڭ IT كەسپى بىلىملىرىگە بولغان تايىنىۋېلىشنى تۆۋەنلىتىدۇ.

تەرەققىيات تارىخى تەھرىرلەش

1983-يىلى، قۇياش كومپيۇتېرى «ئىنتېرنېت بولسا كومپيۇتېر» دېگەننى ئوتتۇرغا قويغان.

2006-يىلى 3-ئايدا، ئامازون شىركىتى ئېلاستىكىلىق ھېساپلاش بۇلۇت مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرغا قويغان.

2006-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، Google نىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى ئېرىك شىمىت (Eric Emerson Schmidt) ئىزدەش موتورى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم «بۇلۇت ھېسابلاش» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويغان.

2007-يىلى 10-ئايدا، Google بىلەن IBM ئامېرىكىدىكى كارنېگى مېلون ئۇنىۋېرسىتېتى (Carnegie Mellon University)، ماسساچۇسېتس تېخنىكا ئىنىستىتۇتى (Massachusetts Institute of Technology)، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بوستون تارماق مەكتىپى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە بۇلۇت ھېسابلاش پىلانى ئومۇملاشتۇرۇلغان، بۇ تۈردىكى پىلان تارقاق شەكىلدىكى ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتىكى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئالىي مەكتەپلەرنى مۇناسىۋەتلىك قاتتىق-يۇمشاق دېتال ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن.

2008-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، Google تەيۋەندە «بۇلۇت ھېسابلاش ئىلمىي پىلانى» ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تەيۋەندىكى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتى، قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ئىلغار ھەم كەڭ كۆلەمدىكى تېز ھېسابلاش تېخنىكىسىنى مەكتەپلەرگىچە ئومۇملاشتۇرغان.

ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى تەھرىرلەش

ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئۆلچەم ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش ئۇقۇمىدىكى بۇلۇت ھېسابلاشقا ئالاقىدار بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش شەكىللىرى:

ئاممىۋىي بۇلۇت (Public Cloud) تەھرىرلەش

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاممىۋىي بۇلۇت ئىنتېرنېت ۋە ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى ئارقىلىق خېرىدارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئېچىپ بېرىلىدۇ. «ئاممىۋىي» دېگەن بۇ سۆزنىڭ  «ھەقسىز» دېگەن سۆزگە ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن، بىراق ھەقسىز تەكشۈرۈپ كۆرەلەيدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ، ئاممىۋىي بۇلۇت بىلەن تەمىنلىگۈچى دائىم ئىشلەتكۈچىگە قارىتا زىيارەتنى كونترول قىلىش مېخانىزىمىنى يۈرگۈزىدۇ، ئاممىۋىي بۇلۇت ھەل قىلىش لايىھىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم ئېلاستىكىلىققا، ھەم تەننەرخ ئۈنۈمىگە ئىگە.

خۇسۇسىي بۇلۇت (Private Cloud) تەھرىرلەش

خۇسۇسىي بۇلۇت ئاممىۋىي بۇلۇتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە، مەسىلەن، ئېلاستىكىلىق، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ماس كېلىش، ئىككىسىنىڭ پەرقى خۇسۇسىي بۇلۇت مۇلازىمەت جەريانىدا، سانلىق مەلۇمات ۋە پروگراممىلار قۇرۇلما ئىچىدە باشقۇرۇلىدۇ، ئاممىۋىي بۇلۇتنىڭ مۇلازىمىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئىنتېرنېت بەلبېغىنىڭ تەسىرىگە، بىخەتەرلىك، قانۇن چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

مەھەللە بۇلۇتى (Community Cloud) تەھرىرلەش

مەھەللە بۇلۇتى كۆپلىگەن ئوخشاش مەنپەئەتتىكىلەر تەرپىدىن ئىگەللىنىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىك تەلىپى، ئورتاق مەقسەت قاتارلىقلار . مەھەللە ئەزالىرى بۇلۇت سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئەپ پروگراممىلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ.

ئارىلاشما بۇلۇت (Hybrid Cloud) تەھرىرلەش

ئارىلاشما بۇلۇت ئاممىۋىي بۇلۇت بىلەن خۇسۇسىي بۇلۇتنىڭ بىرىكمىسى.

پەرقى تەھرىرلەش

بۇلۇت ھېسابلاش دائىم تور كاتەكچىسى ھېسابلاش، ئۈنۈم ھېسابلاش، مۇستەقىل ھېسابلاش قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۋېتىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان بۇلۇت ھېسابلاشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلىرى كومپيۇتېرغا تايىنىدۇ، ئۇ مۇستەقىل ھېسابلاش بىلەن ئۈنۈم ھېسابلاشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى قۇبۇل قىلغان.

مۇلازىمەت شەكلى تەھرىرلەش

ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئۆلچەم ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش ئۇقۇمىدىكى ئۈچ خىل مۇلازىمەت شەكلى:

يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەت (SaaS) تەھرىرلەش

ئىستىمالچىلار ئەپ پروگراممىسىنى ئىشلىتىدۇ، بىراق مەشغۇلات سىستېمىسىنى، قاتتىق دېتال ۋە مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىنتېرنېت ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى كونترول قىلمايدۇ. بىر خىل مۇلازىمەت قارىشىنىڭ ئاساسى، يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى، ئىجارىگە بېرىش ئۇقۇمى ئارقىلىق خېرىدارلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ساتقىلى بولمايدۇ، كۆپرەك كۆرۈلىدىغان شەكلى بىر گۇرۇپپا ھېسابات مەخپى نومۇرى بىلەن تەمىنلەش. مەسىلەن: MicrosoftCRM ۋە Salesforce.com.

سۇپا ۋە مۇلازىمەت (PaaS) تەھرىرلەش

ئىستىمالچىلار ئاساسىي ماشىنىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەپ پروگراممىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئىستىمالچىلار ئەپ پروگراممىسىنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى كونترول قىلىدۇ، بىراق مەشغۇلات سىستېمىسىنى، قاتتىق دېتال ۋە مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىنتېرنېت ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى كونترول قىلمايدۇ. سۇپا ئادەتتە ئەپ پروگراممىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى بولىدۇ. مەسىلەن: Google App Engine.

ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە مۇلازىمەت (IaaS) تەھرىرلەش

ئىستىمالچىلار «ئاساسىي ھېسابلاش مەنبەسى» نى ئىشلىتىدۇ. ئىستىمالچىلار مەشغۇلات سىستېمىسى، ساقلاش بوشلۇقى، ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەپ پروگراممىسىنى كونترول قىلىدۇ، بىراق بۇلۇت ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى كونترول قىلمايدۇ. مەسىلەن، Amazon AWS، Rackspace.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى