بۇگۇت مەڭگۈ تېشى

مەڭگۈتۈشلار
كۆلتېگىن · بىلگە قاغان · تونيۇقۇق
بۇگۇت · سۇجى · تېرخىن

بۇگۇت مەڭگۈ تېشى 1956– يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى دورجى سولۇى 8- ئەسىرگە مەنسۇپ تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى تېپىلغان يەرنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 170 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇگۇت دېگەن جايدىكى تۈرك قەبرىستانلىقىدىن سوغدى يېزىقىدىكى بىردانە مەڭگۈ تاشنى تاپتى ۋە تېپىلغان جاينىڭ نامى بىلەن بۇ مەڭگۈ تاشنى «بۇگۇت مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتىدى. ئەمما، بۇ مەڭگۈ تاشنى ئوقۇش ۋە تەرجىمىسىنى ئىشلەش خىزمىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركشۇناسى س . گ . كىلياشتورنىي ۋە سوغدى تىل – يېزىقى مۇتەخەسسىسى ۋ . ئا . لىۋىش تەرىپىدىن ئورۇنلاندى. بۇ ئىككى ئالىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالدى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلدۇردى . كېيىنكى يىلى ۋېنگرىيىدە ئېلان قىلدى .

«بۇگۇت مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئۈچ يۈزىگە جەمئىي 29 قۇر بىلەن سوغدىچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، تۆتىنچى يۈزىگە براخما يېزىقى بىلەن 20 قۇرچە سانسكرىتچە سۆز ئويۇلغان. مەزكۇر مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستى قىسمىغا تۈرك خانلىقىدىكى ئاشىنا ئۇرۇقىنىڭ تۇتېمى بولغان چىشى بۆرىنىڭ سۈرىتى ئويۇلغان بولۇپ، ئاستىنقى قىسمى تاشپاقا شەكىللىك ئۇلدىن تۈزۈلگەن. مەزكۇر مەڭگۈتاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى شۇ بولۇپ، دەۋر جەھەتتە «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»، «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» ۋە «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلاردىن 150 يىل بۇرۇندۇر.

مەنبە تەھرىرلەش

بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى لىن مېيسۈن ‹‹ شەرق مەدەنىيتى تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى ›› ناملىق ماقالىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ ، بۇ ماقالە ئۇيغۇرچە ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ›› ژورنىلى 1995–يىلى 4–سانىدا ئېلان قىلىنغان .