بۇ ئائىلىگە قاراڭ

‹ بۇ ئائىلىگە قاراڭ ›ناملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى رېژىسور ئەنۋەر تۇرسۇن ئۇيغار سۈرەتكە ئالغان.سىنارىيىسىنى تۇرسۇنبەگ ياسىن يازغان ،ئابدۇكېرىم ئابلىز،خاسىيەت قۇربان ،ئايگۈل ئابدۇللا قاتارلىقلار باش رول ئالغان ئۆي ئىچى تىلۋىزىيە تىياتىرى .

قىسقىچە ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە نامى بۇ ئائىلىگە قاراڭ
خەنزۇچە نامى 幸福家庭的烦恼
باشقا نامى Troubles at the Happy Family
قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
رېژىسسور ئەنۋەر تۇرسۇن ئۇيغار
ئىشلىگەن  ئۇرۇن شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى
ھەر بىر قىسىم ئۇزۇنلىقى 30 مىنۇت
باش رولچى ئابدۇكېرىم ئابلىز ،خاسىيەت قۇربان ،ئايگۈل ئابدۇللا
تۈرى كومىدىيە،شەھەر،مەنزىرە،قىززىقچىلىق
قىسىم سانى ھەر بىر بۈلىمى 30 قىسىم
دىئالوگ تىلى ئۇيغۇر تىلى
سېنارىست تۇرسۇن بەگ ياسىن،ۋارىس ئابابەكرى
سۈرەتكە ئالغان ئۇرۇن شىنجاڭ ئۈرۈمچى

ڧىلىم ۋەقەلىكى تەھرىرلەش

‹ بۇ ئائىلىگە قاراڭ ›ناملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى سۇرئەتكە ئالغان تۇنجى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئائىلە ئىچىدىكى ئىشلار تەسۋىرلەنگەن تىلۋىزىيە تىياتىرى بۇلۇپ ،بىرىنچى بۈلىمى (جەمئىي 30 قىسىم ) قۇيۇلغان،ئىككىنچى بۈلىمى پات يېقىندا يەنى 2015-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا قۇيۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ .بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىدا ئائىلىدىكى دائىملىق كونا ئىدىيە بىلەن يېڭى قاراشلارئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇش بايان قىلىنىپلا قالماستىن ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولغان قايغۇ ۋە خوشاللىقلار ،دوستلار ۋە خوشنىلار ئوتتۇرسىدىكى چوڭ -كىچىك ئىشلارمۇ بايان قىلىنغان .

ئابدۇكېرىم ئابلىز،خاسىيەت قۇربان ،ئايگۈل ئابدۇللا  قاتارلىقلار باش رول ئالغان .تىلۋىزىيەتىياتىرىدا ئۇيغۇر ئارتىسلار كۆپ سالماقنى ئىگەنلەيدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇ،خۇيزۇ،قازاق ئارتىسلارمۇ بار .

بىرىلگەن باھا تەھرىرلەش

بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى كىنو ۋەتىلىۋىزىيە تىمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

كۈرۈرمەنلەر بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق بىر ئائىلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھازىرقى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىنى،جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنى كۆرۈۋېلىپلا قالماي ،يەنە شىنجاڭدىكى ھازىرقى زامان ئازسانلىق مىللەتلىرىنىڭ مىللى ئەنئەنىلىرى ۋە كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشنى ھىس قىلالايدۇ.

<بۇ ئائىلىگە قاراڭ >ناملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىرىنچى بۈلىمى قۇيۇلغاندىن كىيىن كۈرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇررىشىغا ئىرىشكەن ،كۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ،كىيىن ئىككىنچى بۈلىمى ئىشلىنىپ قۇيۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا .

ڧىلىم ھەققىدە تەھرىرلەش

بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى دەسلەپكى قەدەمدە بىرىنچى بۈلىمىنى 30 قىسىم ،ھەر بىر قىسىمى 30 مىنۇت قىلىپ بېكىتكەن،ھەمدە ئاز مىقتاردا سىرتقى مەنزىرە بۇلۇش دەپ بېكىتكەن .كۈرۈش نىسبىتى ئەھۋالىغا قارىتا ئىككىنچى بۈلۈم،ئۈچۈنچى بۈلۈم،تۈتىنچى بۈلۈملەرنى سۇرەتكە ئېلىش پىلانلانغان.تىلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىرىنچى بۈلىمى قۇيۇلغاندىن كىيىن كۈرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۈرىشىگە ئىرىشكەن،2015-يىلى 5-ئايدا ئىككىنچى بۈلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىپ 2015-يىلى 10 ئاي ئەتراپىدا قۇيۇلغان. ئىككىنچى بۇلۈمى 2017 يىلى قۇيۇلغان.

بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ دىئالوگ  تىلى ئۇيغۇر تىلى .

مەنبە تەھرىرلەش

ئىزدە قامۇسى http://wiki.izda.com/?a=show&id=7