يەتتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى بېشىر (1813-يىلىدىن 1866-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان). جياچىڭنىڭ 18-يىلى (1813-يىلى) ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر ئىنانچىخان دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.

بېشىر زېرەك ئادەم ئىدى. ئۇ، چىڭ ھۆكۈمتىىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، تەختكە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى قويىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ،سىرتقى جايلاردىكى چېچەك چىقمىغان ۋاڭ-گۇڭلار بېيجىڭغا كىرىشكە بولمايدۇ،دىگەن بەلگىلىمە بار ئىدى. بېشىرغا چېچەك چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەمما چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، جياچىڭنىڭ 20-يىلى (1815-يىلى)8-ئايدا ، ئۇنىڭ رېخىغا (ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسنىڭ چېڭدى ناھىيىسىدىكى سالقىندايدىغان تاغلىق كەنت) كە بېرىپ، خانغا كۆرۈنۈپ قايتىشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىدۇ. جياچىڭنىڭ 24-يىلى (1819-يىلى) ئۇ يەنە بىر قېىتىم رېخىغا بارىدۇ. چېچەك چىقىپ بولغاندىن كېيىن ، داۋگۇاڭنىڭ 3-يىلى (1823-يىلى) ئاندىن ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىش ئارزوسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

داۋگۇاڭنىڭ 6-يىلى (1826-يىلى) جەنوبىي شىنجاڭدىكى خوجا ئەۋلادى جاھانگىر خوجا توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەتتە قالىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن 3000 ئەسكەر ئەۋەتىپ قۇمۇلغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن زور قوشۇن شىنجاڭغا ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلايدۇ. يول يىراق بولغانلىقتىن ئوزۇق -تۈلۈك ۋە ئوت-بوغۇز بىلەن تەمىنلەش قىيىنلىشىپ كېىتىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى گەرچە زور كۈچ بىلەن ئات-ھارۋا غەملەپ توشۇش ئىشىنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ. يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. بۇ چاغدا بېشىر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۈز كالا ھارۋىسى تەييارلاپ دېھقانلارنى ئاشلىق توشۇشقا تەشكىللەيدۇ، ئەسلىدە ھارۋىلارنى تۇرپاندا ئالماشتۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيەردىمۇ ھارۋا غەملەش قىين بولغاچقا ، بېشىر دېھقانلارنى ئاشلىقنى توغرىدىن -توغرا ئالدىنقى سەپ بولغان ئاقسۇغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جاھانگىر خوجا مەغلۇپ بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىرنىڭ" ھارۋا تەييارلاپ ، ئەسكەرلەرگە ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈپ بەرگەن " تۆھپىسى ئۈچۈن داۋگۇاڭنىڭ 7-يىلى (1827-يىلى) 7-ئايدا ئۇنىڭغا توز پېيى سانچىلىدىغان بىر دانە ئاق قاش تېشى نەيچە، بىر دانە ئاق قاشتىېشى بارماق غىلىپى، ئېسىل كەشتىلىك بىر تون، يوغان ئىككى توپ كىمخاپ ئىنئام قىلىدۇ. دېھقانلار ھاشارغا كېتىپ قېلىپ، تېرىقچىلىققا تەسىر يەتكەنلىكى ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەتىيازدا ئۆتنە ئالغان ئاشلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

داۋگۇاڭنىڭ 12-يىلى (1832-يىلى) 12-ئايدا، بېشىر بېيجىڭغا بېرىپ، خاننى زىيارەت قىلغاندا ،شۈەنزۇڭ خان ئۇنىڭ خان ئوردىسى زىجىنچىڭغا ئاتلىق كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ھەم ئۇنى ئىنانچىخان دەرىجىلىك بېلىدىن دوروئىنانچىخانلىققا ئۆستۈرىدۇ. داۋگۇاڭنىڭ 13-يىلى (1833-يىلى) بېشىر بېيجىڭدىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي قالىدۇ. ئەمەلدار ، ئەسكەر ۋە پۇقرالارغا زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىپ، ئۇلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ھۆكۈمەت يەرلىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ زىيىنى ھېسابىغا ئۆزىنى بېيىتىدۇ. قۇمۇلدا ھۆكۈمەت قارمىقىدا ئۈچ ئورۇندىلا تېرىلغۇ يەر بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشىرۋاڭنىڭ خۇسۇسىي مۇلكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىشىر ۋاڭنىڭ زۇلىمى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىسى قۇمۇلدىكى ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنىڭ بىردەك قارشىلىقىنى قوزغايدۇ. داۋگۇاڭنىڭ 25-يىلى (1845-يىلى) لىن زېشۈي بۇيرۇققا بىنائەن قۇمۇلغا كېلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەچ بېشىر ۋاڭنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شەخسى ئېچىۋالغان 10مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش توغىرلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ("تارىخنامىغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىشلار" غا قارالسۇن) .

شۇنىڭدىن كېيىن بېشىر ۋاڭ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قېلىشتىن قورقۇپ، كۆپ قېتىم پۇرسەت ئىزدەپ خۇشامەت قىلىدۇ. شيەنفېڭنىڭ 3-يىلى (1853-يىلى) قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قوشۇن خىراجەتتىن ھېچقانداق قىسىلمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، بېشىرۋاڭ ئۇلارغا ئۆزلىكىدىن 5000سەر تەڭگە تەقدىم قىلىدۇ. بېشىر ۋاڭنىڭ ساداقەتمەنلىكى ئاخىر ۋېنزۇڭ خاننىڭ نەزەرىگە ئېرىشىدۇ. شيەنفىڭنىڭ 10-يىلى (1860-يىلى) بىرىنچى ئايدا بېشىر ۋاڭ خاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغاندا ، ۋېنزۇڭ خان ئۇنىڭغا سۆسۈن چۇلۋۇر ئىنئام قىلىدۇ. ھەمدە خان ئالدىدا مېڭىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ.

تۇڭجىنىڭ 3-يىلى (1864-يىلى) 3-ئايدا قۇمۇلدىكى خان ئامبىلى ۋېنشياڭ ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ، ئېتىزلارنى سۇغۇرۇشنى يولغا قويغاندا ، بېشىر ۋاڭ پائال ئادەم كۈچى ۋە ماتىرىيال چىقىرىپ ياردەم بېرىدۇ. 8-ئايدا تاشۋېلىق (تالناچىن) قاتارلىق جايلاردىكى ئېرىق-ئۆستەڭ قۇرۇلىشى پۈتىدۇ. مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭغا چىڭۋاڭلىق مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلىدۇ.

بۇ چاغدا تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابىنىڭ ۋە شەنشى ، گەنسۇدىكى خۇيزۇلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن شىنجاڭدىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىدۇ. تۇڭجىنىڭ 3-يىلى (1864-يىلى) 8-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇمۇللۇق خۇيزۇ ماجاۋچىياڭ بىلەن ماخۇەن ئادەم توپلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. نامرات ئۇيغۇر دېھقانلار بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنى ماجاۋچىياڭ بىلەن مىڭدىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىنى ئىنتايىن قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن قىرغىن قىلىدۇ. قالغان قوزغىلاڭچىلار تۇغلۇق(توخۇلۇ) قا قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇ يەردە قوزغىلاڭچىلار ئاۋال باج-چازىسىنى بۇلايدۇ، ئاندىن تاشۋېلىققا (تالناچىن) غا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىقى ماتيەنسەي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بەختكە قارشى تۆمۈرتىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن ۋاڭ قوشۇنىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە ، دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىرۋاڭنى "باندىت يوقىتىش" تا خىزمەت كۆرسەتتى دەپ سېرىق چۇلۋۇر بىلەن مۇكاپاتلاپ " ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ" . بىراق قوزغىلاڭ يالقۇنى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆچمەيدۇ،ئەكسىچە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەيۋىسى بارغانسېرى ئاشىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇلنى پۇختا ساقلاش ئۈچۈن تۇڭجىنىڭ 4-يىلى (1865-يىلى) بېشىر ۋاڭنى ياردەمچى ئامباللىققا تەيىنلەپ ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىدۇ. شۇ يىلى 5-ئايدا خۇيزۇ خېي لاۋۋا ، ئۇيغۇر سۈپۈرگە يەنە ئادەم توپلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ناھايىتى تېزلىك بىلەن كونا شەھەرنى ئىشغال قىلىپ، قۇمۇلنىڭ خان ئامبىلى زاكى داڭئانى ئۆلتۈرىدۇ. ئارقىدىنلا شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىدۇ.

تۇڭجىنىڭ 5-يىلى (1866-يىلى ) 6-ئايدا بارىكۆل باشبۇغى خې گۇەن بارىگاھ بېگى لىن شىياڭغا لەشكەر تارتىپ، قۇمۇلغا بېرىش توغىرلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي، تۇرپانغا چېكىنىدۇ، لىنشياڭ شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىپ، بېشىر ۋاڭنى قۇتقۇزىدۇ. 11-ئاينىڭ2-كۈنى سۈپۈرگە تۇرپاندىكى 4000-5000 ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ قارادۆۋىنى ئىشغال قىلىدۇ. لىن شىياڭ بىلەن ئوردا بېگى شاسېلىم 5000 ئەسكەر بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ دۆۋەجىنگە يېتىپ بارغاندا، تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچراپ، پۈتۈن قوشۇنى ھالاك بولۇشقا تاس قالىدۇ. ئەتىسى بېشىرۋاڭ فۇجۇڭ خېنىم (ۋاڭنىڭ خوتۇنى) مېھرىبانۇنى بارىكۆلگە ياردەم سوراشقا ئەۋەتىدۇ. بېشىرۋاڭ كىچىك فۇجۇڭ خېنىم بىلەن بىللە 2000دىن ئارتۇق قالدۇق ئەسكەرنى باشلاپ سۇمقاغىدا قوزغىلاڭچىلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ،ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرايدۇ. كىچىك فۇجۇڭ خېنىم ئاتلارنىڭ ئايىقىدا دەسسىلىپ ئۆلىدۇ. شاسېلىم چېپىپ تاشلىنىدۇ. بېشىر ۋاڭ بىلەن جيەن نەۋرىسى پازىل تەيجى ئەسىرگە چۈشىدۇ. قوزغىلاڭچىلار شەھەر ئىچىنى قايتا ئىشغال قىلىدۇ. كېيىنچە قۇمۇل خەلقى ئارىسىدا تارقالغان " شاسېلىم چېپىپ تاشلاندى، كىچىك فۇجۇڭ خېنىم ئاتقا دەسسىلىپ ئۆلدى" دىگەن گەپلەر مۇشۇ يەردىن كېلىپ چىققان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى سۈپۈرگە بېشىر ۋاڭنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما بېشىر ۋاڭ بۇنى رەت قىلىدۇ. ھەم ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدۇ. تۇڭجىنىڭ 6-يىلى (1867-يىلى) 1-ئايدا بېشىر ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ جىيەن نەۋرىسى پازىل قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. 4-ئايدا بارىكۆل باشبۇغى خې گۈەن بارىگاھ بېگى رۈي لىننى ئەسكەر تارتىپ ، قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەي، قارا دۆۋىدە مەغلۇپ بولۇپ قاچىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى قۇمۇلنى يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا "خوشۇت چىڭۋاڭى" دەپ نام بېرىدۇ، ھەمدە كونا شەھەردە جاساق چىڭۋاڭ ئىبادەتخانىسى قۇرۇشنى ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ئىبادەتخانىغا كېلىپ، تەزىيە بىلدۈرىشىنى بەلگىلەيدۇ.