بېغىش قايرىش ئويۇنى
بېغىش قايرىش ئويۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك، يەكمۇ يەك بېغىش قايرىپ كۈچ سىنىشىدىغان ئويۇن. بېغىش قايرىش ئويۇنىدا ئىككى كىشى ئۈستەل ئالدىدا ياكى تۈز يەردە قارىمۇ قارشى ئولتۇرۇپ جەينەكلىرىنى يەرگە تىرەپ، بىر - بىرىنىڭ ئوڭ ياكى سول ئالىقانلىرىدىن مەھكەم تۇتىشىدۇ ۋە باشلىدۇق دېيىشىپ بىر - بىرىنىڭ قولىنى باسىدۇ. كىم قارشى تەرەپنىڭ قولىنى باسالىسا شۇ يەڭگەن بولىدۇ. بېغىش قايرىشنى تۈز يەردە، كىگىز - پالاس ئۈستىدە قارىمۇ قارشى يېتىپ ئويناشقىمۇ بولىدۇ. بۇ بىر خىل ئاددىي ئويۇن بولۇپ، بېغىشنىڭ كۈچىنى ۋە سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدىغان ئويۇن، بېغىش قايرىش ئويۇنىدا جەينەك يەر يۈزىگە چوقۇم تېگىپ تۇرۇشى شەرت، جەينەك كۆتۈرۈلۈپ كەتسە بولمايدۇ."[1]