بېلىق تۇتۇش
بېلىق تۇتۇش - ئۇيغۇر خەلقىنىىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بېلىق تۇتقۇچىلار كەسپىي بېلىقچىلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى بېلىقچىلار دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. كەسپىي بېلىق تۇتقۇچىلار: ئاساسەن دەريا ۋە كۆللەرگە تور سېلىپ بېلىق تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بېلىق ساتقان كىرىمى بىلەن قامدايدۇ، بۇلار ياز كۈنلىرى دەريالارغا، كۆللەرگە بېرىپ تور سېلىپ بېلىق تۇتسا، قىش كۈنلىرى كۆللەردىكى مۇزنى تېشىپ تور تاشلاپ بېلىق تۇتىدۇ. بۇلار يىل بويى بېلىق تۇتۇشنى كەسىپ قىلغان بولىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى بېلىق تۇتۇش ئاساسەن نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش، شەخسىي تۇرمۇشنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ۋە دەم ئېلىشنى مەنىلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ خىل بېلىق تۇتۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بولۇپ، بىر خىلى ئۇزۇن، ئىنچىكە يىپقا باغلانغان قارماقنىڭ ئۇچىغا بېلىق يېمىنى ئوراپ دەريا - كۆللەرگە قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇش، يەنە بىر خىلى توملىقى ئوتتۇرا بارماقچىلىك، ئۇزۇنلۇقى 5.1 مېتىر كېلىدىغان، ئىگىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بېلىق تۇتۇش سېپىغا ئۈچ مېتىر ئەتراپىدىكى قارماقلىق يىپ باغلىنىپ، دەريا ۋە كۆللەرگە تاشلىنىدۇ. بېلىق تۇتقۇچىلار دەريا، كۆلنىڭ بويىدا قارماق سېپىنى تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. بېلىق قارماقنى چىشلەپ يۇتقاندا، بېلىق تۇتقۇچى قارماق يىپىنى تارتىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا قارماققا بېلىق ئىلىنغان بولسا، بېلىق تۇتقۇچىدا كىشى تەسۋىرلەپ بولمايدىغان بىر خىل سۆيۈنۈش، خۇشاللىنىش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنلۈك دەم ئېلىشنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ قايتىدۇ. بېلىق تۇتۇشمۇ بىزدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ تىلشۇناسى مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> كىتابىدا: بېلىق تۇتىدىغان بىر خىل تور بارلىقىنى، چىۋىقلار سۇغا قاتار تىزىلىپ، توسما ياسىلىدىغانلىقىنى، توسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېغىز قالدۇرۇلۇپ، تور شۇ ئېغىزىغا ئورنىتىلىدىغانلىقى، بېلىقلار تورغا كىرىش بىلەنلا تور تارتىۋېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات قالدۇرغان. دېمەك، بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇنىڭدىن 1000 يىللار بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تور ۋە قارماق ئارقىلىق بېلىق تۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ."[1]