بەرزەخ (ئەرەبچە: برزخ)؛ قەبر ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشتىكى تۇنجى مەنزىلى بولۇپ، ئىنسان ئۆلۈپ تاكى قىيامەتتە ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلىپ قوپقانغا قەدەر بولغان بۇ ئارىلىق «بەرزەخ ھاياتى» يەنى پاسىل ھايات دەپ ئاتىلىدۇ. «بەرزەخ ھاياتى» دۇنيا ھاياتى بىلەن ئاخىرەت ھاياتىنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆتكۈنچى ھايات ئالەمى بولغاچقا، «بەرزەخ ئالەمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دېمەك، جىمى ئىنسانلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنىپ قىيامەت قايىم بولغۇچە بەرزەخ ھاياتىدا تۇرىدۇ. ﴿سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(ياسىن: 51). بۇ ھاياتقا ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى بولغان «ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش»نىڭ بىر پارچىسىدۇر[1]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، ‹پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن، مەن قويۇپ كەلگەن مال - مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن›. (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ﴾(مۇئمىنۇن: 99 – 100).

قەبردە ياكى «بەرزەخ ئالەمى»دە سۇئال - سوراقنىڭ، ياخشىلار ئۈچۈن ھۇزۇر، يامانلار ئۈچۈن ئازابنىڭ بارلىقى ئايەتلەر، سەھىھ ھەدىسلەر، شۇنداقلا ساھابە كىراملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ئىسپاتلانغان غەيبىي ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، قەبر ئازابى بىلەن قەبر ھۇزۇرىغا ۋە ئۇنىڭدىكى سوراققا ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىپتۇر.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الموسوعة الإسلامية العامة»، 279 – بەت وزارة الأوقاف – المجلس الأعلى للشؤن الإسلامية، ھ. 1424 / م. 2003. قاھىرە؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية»، 331 - بەت. مدينة الملك عبدالعزيز للعلوم والتقنية (KACST) ھ. 1439 / م. 2017. رىياد.