ئەدىب، ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىلى 12 - ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرى قومۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى تەتقىقاتى ۋە تىل - يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1992 - يىلى ئۆكتەبىردە سىياسىي كېڭەش قومۇل ۋىلايەتلىك كومىتېتىدا كاتىپ، تەرجىمان، مەزكۇر كومىتېتنىڭ نەشر ئەپكارى «تەقدىرداش» ژۇرنىلىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۇ ژۇرنالنى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى تەسىرى بار ژۇرنالغا ئايلاندۇرغان ۋە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1995 - يىلى «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ 16 يىل بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

  2008 - يىلى ئاپرېلدىن 2009 - يىلى ئاۋغۇستقىچە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن. 2009 - يىلى ئاۋغۇستتىن ھازىرغا قەدەر «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

  بەگمەت يۈسۈپ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قەرەللىك ژۇرناللار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى. جۇڭگو يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ قەرەللىك ژۇرناللار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.

  ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «يىراقتىكى تەبەسسۇم» (شېئىرلار توپلىمى)، «قومۇل مۇقاملىرى ھەققىدە» (نەشرگە تەييارلىغان ماقالىلەر توپلىمى)، يېڭى دەۋردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر «تاغ گۈلى» (نەشرگە تەييارلىغان)، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «نادان مۇخلىسلار» (نەسرلەر توپلىمى)، «قارا شارقىراتما» (نەسرلەرتوپلىمى)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «رىۋايەت ئارىلى»،«ئاچچىقلانمايدىغان ئادەملەر»(نەسرلەرتوپلىمى)، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاق بوزئات» ناملىق نەسرلەر توپلىمى نەشر قىلىندى، ئۇ سېنارىيەسىنى يازغان «كۆكلەم ناۋاسى»، «قومۇل بوستانلىقىدا بەزمە»، «قوغۇن يۇرتىدا نورۇز»، «تېتىپ كۆرۈڭ قومۇل قوغۇنىنى»، «قوغۇن يۇرتىدىكى مەرىپەت بۇلىقى» (ئىككى قىسىم)، «بىر ئەۋلاد قومۇل مۇقامچىلىرى»، «قومۇل مەشرىپى» (سەمەت ئابدۇراخمان قوچىغۇن بىلەن بىرلىشىپ)، «ئاراتۈرك مەشرىپى»، «قومۇلدا نورۇز»، «قارادۆۋىدە نورۇز» قاتارلىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى ۋە بەدىئىي فىلىملىرى، «يەر ئاستى ئانا دەرياسى كارىز» (مەدەنىيەت قىسمى) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بەگمەت يۈسۈپ يەنە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قايتا نەشرگە ئۇيۇشتۇرغان «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ»، «ئاللانىڭ زېمىنى»، «تىنچ دون» (1 -، 2 -، 3 -، 4 - توم)، «كۆكۈيۈن سەرگەندانلىقتا»، «ساغرا تېرە»، «دونكىخوت» (1 -، 2 - توم)، «ياخشى ئەسكەر شىۋەيىك»، «دادام خۇ ياۋباڭنى ئەسلەيمەن...» قاتارلىق كىتابلارنىڭ قايتا تەھرىرلىكىنى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى نەشر قىلغان «مەن نېمىشقا ئوبزۇر يازىمەن»، «لاي قەلئەنىڭ سىرى» ناملىق كىتابلارنىڭ تەكلىپلىك تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى.شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «نادان مۇخلىسلار» ناملىق نەسرلەر توپلىمى جۇڭگو 9 - نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بۇ كىتاب يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 3 - نۆۋەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتى» نىڭ شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2012 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «تەڭرىتاغ مۇتەخەسسىسى» بولۇپ باھالاندى.

  «ئىككىنچى ھاياتىم» ناملىق چوڭ ھەجىملىك نەسرى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ «2013 - يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. شۇ يىلى يەنە نىڭشيادا ئېچىلغان 6- قېتىملىق جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان «قومۇل خەلق داستانلىرىدىكى تىراگېدىيە ئېڭى» ناملىق تەتقىقات ماقالىسى 1 - دەرىجىلىك باھالىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  بەگمەت يۈسۈپ يەنە «ئەتىرگۈل كوچىسى» (نەسرلەر)، «قىشتىكى قۇياش» (نەسرلەر)، «دەۋر داغلىرى» (نەسرلەر)، ‹‹ئاكادېمىيەنىڭ باغلىرى››،(نەسرلەر)،‹‹سۆي ئەمما ئالدىما››(نەسرلەر)،‹‹قايتىش سەپىرى›› (نەسرلەر)، «قومۇل تاغلىرى» (شېئىرلار)، «دوكتورنىڭ دۇنياسى» (ئەدەبىي ئاخباراتلار) قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشرگە تەييارلىماقتا.

  قولىڭىزدىكى « بەگمەت يۈسۈپ نەسرلەر توپلىمى » ناملىق كىتابلار ئاپتورنىڭ يېقىنقى يىللاردا يازغان ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قويۇقلۇقى، مول ھېس - تۇيغۇلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئىپادىلەش ماھارىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى يېڭى نەسرلەر دۇنياسىغا باشلىغۇسى. ئۇنىڭدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلەر شېئىرىي تىل ئارقىلىق قەلبتىن قەلبكە يوللانغان ئۈنسىز دەۋەت بولۇپ، ئۇ كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات پەيدا قىلىدۇ. ئوقۇرمەن بۇ نەسرلەرنى ئوقۇش داۋامىدا گاھ تەنھالىق قەسىرىدە تومۇر دەرياسىنىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلىسا، گاھ كەڭ ئانا يۇرت دالاسىنىڭ ئىجتىمائىيەت جىلغىلىرىدا سەيلە قىلىدۇ، گاھ پىكىر دۇنياسىنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان خىيال قۇشلىرىغا ئايلىنىدۇ، گاھ جاھان رەپتارىغا سۈكۈت قىلسا، گاھ مەنزىل مۇساپىلىرىدە تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىدۇ.