ب د ت ئىنسان ھەقلىرى باياناتنامىسى

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: سۈبھىنۇر ئۆمەر

ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنىڭ تەبىئىتىدىكى قەدىر-قىممىتى بىلەن باراۋەر ۋە ۋاز كېچىلمەس ھەقلىرىنى تونۇشنىڭ دۇنيادا ئەركىنلىك ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، ئىنسان ھەقلىرىنى ئىتىبارغا ئالماسلىقنىڭ ۋە خور كۆرۈشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنى ئاياق ئاستىغا ئالىدىغان قەبىھ قىلمىشلارغا يول ئېچىپ بەرگىنىنى، سۆز ۋە ئىتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ مەۋجۇت بولغان بىر دۇنيانىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك تەلپۈنىشى سۈپىتىدە ئىلان قىلىنىشى، ئىنسانلارنىڭ زۇلۇم ۋە ئىستىلاغا قارشى ئىنقىلاپ قىلىشقا مەجبۇر قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ۋە ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، خەلقئارادا دوستانە مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەلقلىرىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلار قۇرۇلۇش بەلگىسىدە، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاساسىغا، ئىنساننىڭ قەدىر ۋە قىممىتىگە، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ھەقلىرىنىڭ باراۋەرلىلىگە بولغان ئىشەنچلىرىنى، تېخىمۇ راھەت ۋە ئەركىنلىك بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە تېخىمۇ ياخشى بىر ياشاش ئىمكانىيىتى يارىتىشتا قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر ھەمكارلىقى بىلەن ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ۋە ئاساسى ئەركىنلىكلەرنىڭ ئورتاق ھالدا ھۆرمەت قىلىنىشىنى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، بۇ ھەق- ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردە ئورتاق بىر چۈشىنىشكە ئىگە بولۇشنىڭ بۇ ۋەزىپىنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قۇرۇلتاي پۈتۈن ھەق- ھوقۇقلار ۋە مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاق نىشان سۈپىتىدە بۇ باياننامىنى ئىلان قىلدى.

شەخسىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئورگان بۇ باياننامىنى ھەردائىم كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ھەق-ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكلەرنىڭ ئورتاقلىق ۋە تەسىرچانلىق بىلەن تونۇلۇپ كۆزىتىلىشىنى مەقسەت قىلغان ئاساستا خەلقئارادا تەدرىجىي تەدبىر ئېلىپ تىرىشىشى كېرەك.

1. پۈتۈن ئىنسانلار تۇغۇلىشىدىن ئەركىن، قەدىر-قىممىتى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى جەھەتتىن باراۋەردۇر. ئىنسانلار ئۆز ئارا ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن، قېرىنداشلىق چۈشەنچىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

2. ھەر بىر كىشىنىڭ ئىرقى، رەڭگى، جىنسىيەت ئايرىمى، دىنى، تىلى، سىياسىي چۈشەنچىسى، مىللىتى ياكى كىلىپ چىقىشى، مال- مۈلكى، تەبىقىسى ۋە باشقا بىر ئايرىمچىلىق كۆزدە تۇتۇلماستىن بۇ باياننامىدىكى پۈتۈن ھەق- ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ئىگە.

بۇنىڭدىن باشقا، مۇستەقىل ياكى ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلالمايدىغان، ئىدارە قىلىش ھوقوقى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بىر دۆلەت بولسۇن ياكى بولمىسۇن بىر شەخسنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان دۆلىتىنىڭ سىياسىي، ھوقوقى ۋە خەلقئاراردىكى ئورنىغا قاراپ ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

3. ھەر بىر كىشىنىڭ ياشاش ھوقوقى، كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىك ھەققى باردۇر.

4. ھېچقانداق بىر كىشىنى قۇل سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. ھەرخىل قۇللۇق تۈزۈم ۋە قۇل تىجارىتى چەكلىنىدۇ.

5. ھەر قانداق بىر كىشىنى قىيىن-قىستاققا ئېلىشقا، زالىملارچە ئىنسانىي بولمىغان شەكىلدە خورلاشقا بولمايدۇ.

6. نەدە بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەر بىر ئىنساننىڭ قانۇن ئالدىدا بىر كىشىلىك ھوقوقى باردۇر.

7. ھەممە كىشى قانۇن ئالدىدا باپباراۋەردۇر ۋە قانۇن تەرىپىدىن ئايرىمچىلىققا ئۇچرىماستىن قوغدىنىش ھوقوقى باردۇر. ھەر بىر كىشى بۇ باياننامىگە قارشى بولغان ھەرقانداق بىر ئايرىمچىلىققا ۋە ئايرىمچىلىققا بولغان تەشەببۇسلارغا قارشى باراۋەر قوغدىنىش ھەققىگە ئىگە.

8. ھەممە كىشىنىڭ قانۇندا ياكى قانۇندىكى ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرۇز قىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى مۇناسىۋەتلىك يەرلىك مەھكىمىلەرگە ئەرز قىلىش يولىدىن پايدىلىنىش ھوقوقى بار.

9. ھېچقانداق بىر كىشىنى سەۋەپسىز قولغا ئېلىشقا، تۇتۇپ تۇرۇشقا ياكى سۈرگۈن قىلىشقا بولمايدۇ.

10. ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى بەلگىلەنگەن.

11. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقوقى ۋە مەجبۇرىيتىنى بىكىتىشتە ۋە ھەرقانداق جىنايى قىلمىشتا مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز سوتتا تولۇق باراۋەرلىك، ئادىل ۋە ئاشكارا سوتلىنىش ھەققى بار.

جىنايەت ھۆكۈمى چىقىرىلغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئاقلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان پۈتۈن پاكىتلارنىڭ كۆرسىتىلىشى، خەلقكە ئوچۇق ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن جىنايىتى قانۇن بويىچە ئىسپاتلانمىغۇچە گۇناھسىز دەپ قارىلىدۇ.

12. تەكشۈرىلىۋاتقاندا يەرلىك ياكى خەلقئارالىق قانۇنغا قارشى چىقمىغان ئاساستا قىلغان ھەرقانداق ھەرىكىتى جىنايەت ھېساپلانمايدۇ. ھېچكىمنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەندىن ئېغىر جازا بېرىشكە بولمايدۇ.

13. ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ساياھەت قىلىش، ئولتۇراقلىشىشى ھوقوقى بار. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ، ئۆز ۋەتىنى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئايرىلىش ۋە قايتىپ كىلىش ھوقوقى بار.

14. ھەر بىر ئادەم توختىماي بېسىمغا ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەش ۋە قوبۇل قىلىنىش ھوقوقى بار.

ھەقىقىي سىياسىي ماھىيتى بولمىغان ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا زىت ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان ئەيىپلەش دىلوسىدا، بۇ ھوقۇقنى تەلەپ قىلشقا بولمايدۇ.

15. ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ بىر دۆلەتنىڭ گراجدانى بولۇش ھوقوقى بار.

ھېچكىمنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى خالىغانچە  ئۆزگەرتىۋىتىشكە بولمايدۇ، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆز دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ھەققى بار.

16. قۇرامىغا يەتكەن ئەر ۋە ئاياللارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئىرقى ۋە دىنىدەك ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماستىن، توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇش ھوقۇقى بار. توي قىلىشتا ۋە ئاجرىشىشتا ھەرقانداق ھەق-ھوقۇقلىرى باپباراۋەردۇر.

نىكاھ، ئۆيلىنىش نىيىتى بولغان بىر جۈپلەرنىڭ ئەركىن قارارى بىلەن بولىدۇ. ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدۇر. جەمئىيەت ۋە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىنىدۇ.

17. ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ياكى ئورتاقلىشىلغان مال- مۈلۈك ھوقوقى بار. ھېچكىمنىڭ مال- مۈلكىنى خالىغانچە تارتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

18. ھەر بىر كىشىنىڭ چۈشەنچە، ۋىجدان ۋە دىن ئەركىنلىكى ھوقوقى بار بولۇپ، بۇ ھوقۇق دىن ۋە ياكى ئىتىقادىنى ئۆزگەرتىش، دىن ۋە ئىتىقادنى يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئوچۇق ئاشكارا ئۆگۈتۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە رىئايە قىلىش قاتارلىقلار ئەركىنلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

19. ھەر بىر كىشىنىڭ سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى باردۇر. بۇ ھوقۇق ھەرقانداق بىر يول بىلەن ۋە ياكى دۆلەت چىگرىسى ھالقىپ ئۇچۇر ۋە پىكىرلەرگە ئېرىشىش، ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

20. ھەر بىر كىشى تىنچلىق ئاساسىدا يىغىلىش ۋە تەشكىللىنىش ھوقوقىغا ئىگە. ھېچكىمنى بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشقا زورلاشقا بولمايدۇ.

21. ھەر ئادەمنىڭ ئۇدۇللۇق يول بىلەن ياكى سايلانغان ۋەكىللەر ۋاستىسى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقوقىغا ئىگە.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى جەمئىيەت خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقوقى بار.

خەلقنىڭ رايى، ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىكىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ راي، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن، بەلگىلىك ۋاقىتتا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ھەقىقىي سايلام بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

22. جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىرەيلەننىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىك ھوقوقى بار. يەرلىك ۋە خەلقئارالىق ئىش بىرلىكى قاتارلىق يوللار بىلەن ھەر دۆلەتتىكى تەشكىلاتلىشىش مەنبەسىگە قاراپ ۋاز كېچەلمەس بولغان ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش ھەققى بار.

23. ھەر بىرەيلەننىڭ ئىشلەش، خىزمىتىنى تاللاش، ئادىل ۋە قولاي شارائىتلار ئاستىدا ئىشلەش، ئىشسىزلىككە قارشى تەدبىر ئېلىش ھوقوقلىرى بار.

ھەممە كىشىنىڭ، ھەرقانداق بىر ئايرىمچىلىققا ئۇچرىماستىن، ئوخشاش بىر ئىشتا ئوخشاش مائاش ئېلىش ھەققى بار.

ھەر بىرەيلەننىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن، ئىشچىلار بىرلىكى قۇرۇش ۋە ئەزا بولۇش ھەققى بار.

24. ھەر بىر كىشىنىڭ دەم ئېلىش ھەققى بار. بۇ، خىزمەت ۋاقتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭشىلىشى ۋە بەلگىلىك ۋاقىتتا بىر دەم ئېلىش ھوقوقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

25. ھەممە كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە راھەت ياشىيالىشى ئۈچۈن يىتەرلىك بولغان ياشاش شەرتلىرىگە ئىگە بولۇش ھوقوقى بار. بۇ ھوقوق، يىمەك- ئىچمەك، كىيىم-كىچەك، تۇرالغۇ ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرى بىلەن كېرەكلىك بولغان ئىجتىمائىي خىزمەتتىن باشقا يەنە ئىشسىزلىك، كېسەللىك، مېيىپلىق، تۇل قېلىش، قېرىلىق ياكى قولىدىن كەلمەيدىغان ئېغىر شارائىتلاردا كۈن كەچۈرەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللاردا بىخەتەرلىككە ئېرىشىش ھوقوقىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئانا ۋە بالىلارنىڭ ئالاھىدە كۈتۈنۈش ۋە ياردەم ھەققى بار. پۈتۈن بالىلار، نىكاھلىق ياكى نىكاھسىز تۇغۇلغان بولسۇن ئوخشاش جەمئىيەت تەرىپىدىن قوغدىلىش ھوقوقى بار.

26. ھەممە كىشى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھوقوقىغا ئىگە. ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مائارىپى ھەقسىز، باشلانغۇچ مائارىپى مەجبۇرىيدۇر. ئالىي مائارىپ ھەربىرەيلەننىڭ قابىلىيتىگە قاراپ باراۋەرلىك ئاساسىدا تەمىنلىنىدۇ.

ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئىنسان خاراكتىرىنىڭ يىتىلىشىگە، ئىنسان ھەقلىرىگە ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىشنى ئاساس قىلغان بولىشى كېرەك. مائارىپ تەربىيسى، پۈتۈن مىللەتلەر، ئىرقلار ۋە دىنى گۇرۇپلار ئارىسىدا ئۆز- ئارا چۈشىنىشنى،  دوستلۇقنى كۈچلەندۈرۈشنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقنى قوغداش يولىدىلى پائالىيەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك.

بالىلارغا بېرىلىدىغان مائارىپ تەربىيسىنى تاللاش ھوقوقى ئەڭ ئاۋال ئاتا- ئانىلارغا بېرىلگەن.

27. ھەممە كىشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىغا قاتنىشىش، سەنئەتتىن پايدىلىنىش ۋە بىلىم جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ پايدىلىرىنى ئورتاقلىشىش ھوقوقى بار.

ھەممە كىشىنىڭ ئۆز كەشپىياتى بولغان بىلىم، يېزىق ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدىن  ئوتتۇرىغا چىققان ماددى مەنىۋى مەنپەئەتىنى قوغداش ھوقوقى بار.

28. ھەممە كىشىنىڭ بۇ باياننامىدە كۆرسىتىلگەن ھەق- ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنىڭ ئەمىلىلەشكەن بىر ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارالىق تۈزۈمگە ئېرىشىش ھەققى بار.

29. ھەممە كىشىنىڭ، خاراكتېرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋە ئەركىن ھالەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان بىردىنبىر يەر جەمئىيەتكە قارشى مەسئۇلىيەتلىرى بار.

ھەر بىر كىشى ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنى قوللانغاندىلا، باشقىلارنىڭمۇ ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغىلى،  دېموكراتىك بىر ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە راھەت ياشاش مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرىلىشىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن چەك- چېگرا دائىرىسىدە بەلگىلىگىلى بولىدۇ.

بۇ ھەق- ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپلىرىغا قارشى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

30. بۇ باياننامىنىڭ ھېچقايسى بىر ماددىسى، ھەرقانداق بىر دۆلەت، تەشكىلات ياكى شەخسكە بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ھەقلەردىن خالىغان بىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەقسىتىدە ھەرقانداق بىر پائالىيەت ياكى ھەرىكەت ئۇيۇشتۇرۇش ھوقوقىنى بەرمەيدۇ.

يۇقارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسى ب د ت نىڭ 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى (217A (III نومۇرلۇق قارارى بىلەن ئىلان قىلىنغان.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.