<تارىم> - ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرقىلىدۇ، <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تۈزۈپ نەشرگە تەييارلايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ژۇرناللار ئىچىدە تەسىرى، ئورنى، تۆھپىسى ئالاھىدە چوڭ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە ئەڭ ئەجىر سىڭدۈرگەن ژۇرنال بولۇپ ھېسابلنىدۇ. بۇ ژۇرنال 1951 - يىل 8 - ئايدا < شنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلىغان. ژۇرنالنىڭ نامى 1957 - يىلى <تارىم> غا ئۆزگەرتىلگەن، 1962 - يىلى يەنە <شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن، 1966 - يىلدىن 1971 - يىلغىچە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن بىر مەزگىل نەشردىن توختاپ قالغان، 1980 - يىلدىن تارتى يەنە <تارىم> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلىغان.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش