جياخۇ ئويما ئىشارەتلىرى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى تاشپاقا قېپىغا ئۇيۇلغان ئىشارەتلەر)

جياخۇ ئويما بەلگىلىرى (خەنچە: 贾湖契刻符号) خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى لېيخې شەھىرى ۋۇياڭ ناھىيىسى بېيۋۇدۇ بازىرى جياخۇ خارابىسى (يېڭى تاش قۇرال دەۋرى پېيلىگاڭ مەدەنىيىتى) دىن 1989 - يىل تېپىلغان تاشپاقا قېپىغا ئۇيۇلغان بەلگە - ئىشارەتلەر بولۇپ، جەمئىي 16 ئىشارەتتۇر. 6000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە.[1]

جىياخۇ ئويما بەلگە - ئىشارەتلىرى
جىياخۇ ئويما بەلگە - ئىشارەتلىرى

شەكىل جەھەتتىن كۆپ سىزىقلىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، ئويغۇچىنىڭ مەلۇم بىر مەنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئويغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. چىغناق-تاغاق يېزىقىدا كۆرۈلگەن «目» (كۆز)، «曰» (قۇياش، كۈن) لەرگە ئوخشىشىدىغان بەلگىلەر بار.[2] مەزكۇر يېزىقلار بۇگۈنگىچە تېپىلغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي يېزىق دەپ تەرىپلەنمەكتە. بۇنىڭغا ئۇخشاشقان ئىپتىدائىي يېزىقلاردىن — ياۋروپادىن تېپىلغان ۋىنچا بەلگە - ئىشارەتلىرى مىلادىدىن 5,300 يىل بۇرۇن دەپ قارالماقتا.

كۈنىمىزدە، دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى سېستىمىلىق يېزىق شىنا يېزىقتۇر. بەزى مۇتەخەسسىسلەر جياخۇ ئويما ئىشارەتلىرىنى مەقسەتلىك ئويۇلغان شەكىللەر دەپ قارىسىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى يېزىق ئىكەنلىكى ھەنۇز جەزىملەشمىدى.[3]


مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. Underhill, Anne P. (2013). A Companion to Chinese Archaeology. John Wiley & Sons. بەت. 248. ISBN 978-1-118-32578-0.
  2. Rincon, Paul (17 ئاپرېل l 2003). "'Earliest writing' found in China". BBC News.
  3. Li, X; Harbottle, Garman; Zhang Juzhong; Wang Changsui. The earliest writing? Sign use in the seventh millennium BC at Jiahu, Henan Province, China. Antiquity. 2003, 77 (295): 31–44.