تاش ئويۇنى تاغ - دەريا ئەتراپى ۋە ئېكىنزارلىق، ئوتلاقلارغا جايلاشقان ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك ئوينايدىغان ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇننى ئاساسەن ئوغۇللار قىش پەسلىنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى مەھەللە - كويلاردا، تەكشى، پاكىز كوچىلاردا ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئوينايدۇ. بۇ ئويۇندا ئىشلىتىلىدىغان لىپەك تاش شەكلى، رەڭگى، چىداملىقى قاتارلىقلارغا قاراپ تاللىنىدۇ. لىپەك تاش ئۆز ئىچىدىن تاغ لىپىكى، ساي لىپىكى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تاغ لىپىكى ئۇزۇن مۇددەت كۈن نۇرىدا تۇرۇپ، سۇنى ئاز كۆرگەچكە بىر ئاز چىدامسىز بولىدۇ. بۇنداق لىپەك تاشلار بىر قانچە كۈن ئوينالغاندىن كېيىن سۇنۇپ كېتىدۇ ياكى ئۇ يەر - بۇ يەرلىرى پۇچۇلۇپ كېتىدۇ. ساي لىپىكى ھەمىشە دېگۈدەك سۇدا تۇرغاچقا ئۇرۇپ سوقۇلغانغا ئالدىراپ سۇنمايدۇ. بۇ خىل لىپەك تاشنىڭ رەڭگى سۈزۈك، ئۆزى ناھايىتى سىلىق كېلىدۇ. بالىلار بوش ۋاقىتلىرىدا تاغ ۋە سايلارغا بېرىپ ھەر قايسىسى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان، قىزىقىدىغان رەڭ، شەكىل بويىچە لىپەك تاشنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ھەر قېتىم لىپەك تاش ئويۇنى ئوينىغاندا ئۆزلىرى تېپىپ ئەكەلگەن تاشلارنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ ئوينايدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچى بالىلار ئىككى ئانىنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىشى بىلەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سان جەھەتتىن تەپمۇ تەڭ، سۈپەت جەھەتتە ئومۇمەن باراۋەر ھالدا بۆلۈنىدۇ. گۇرۇپپا ئەزالىرى ئاز بولغاندا ئۈچ، كۆپ بولغاندا ئالتىدىن سەككىزگىچە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ كەتسە، لىپەك تاش ئويۇنىنىڭ خاراكتېرى ۋە خۇلاسىسىنى چىقىرىشقا تەسىر يېتىدۇ. ئەزالار ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئويۇن باشلاش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن ئىككى <ئانا> تاشنىڭ بىر يۈزىنى ھۆل قىلىپ، قايسى تەرەپ ھۆل دەپ تالاشقاندىن كېيىن لىپەك تاشنى ئاسمانغا قارىتىپ ئاتىدۇ. ئاسمانغا ئاتقان تاش يەرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئاسمانغا قاراپ چۈشكەن يۈزىنى قايسى تەرەپ تاللىغان بولسا، ئويۇننى شۇ گۇرۇپپا ئەزالىرى باشلايدۇ. لىپەك تاش تىكلىنىپ قارشى تەرەپ ئۇنى سوقۇشتىن ئىلگىرى ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئەزالار بوي تۇرقى، ياش پەرقى، ئويناشتىكى ماھىرلىقى قاتارلىقلارغا قاراپ ئىككى <ئانىنىڭ> ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن بىر - بىرىگە <كۈشەندە> تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز ئانىلىرىنى باشقا ئېلىپ رەتكە تىزىلىدۇ. لىپەك تاش تىكلەش ۋە سوقۇشتا رەت تەرتىپى بويىچە ئۆز رەقىبلىرى تىكلىگەن لىپەك تاشنى چەنلەپ سوقۇشقا باشلايدۇ. ئويۇن باشلىغۇچى گۇرۇپپا ئەزالىرى باشتا ئىككى <ئانا> كېلىشكەن سان نورمىسى، <جازا> تۈرى، تاش تىكلىنىدىغان ۋە ئېتىلىدىغان ئارىلىق ئۆلچەمگە بىنائەن مەلۇم ئارىلىققا بېرىپ ئۆزلىرى تۇرغان يەرنىڭ قارشىسىدا تىزىلغان لىپەك تاشلارنىڭ ھەر بىر كۈشەندىلىرىنىڭ تىكلىگەن لىپەك تېشىغا ئۆز قوللىرىدىكى تاشنى يەر بېغىرلىتىپ ئاتىدۇ. ئېتىش نۆۋىتى قارشى تەرەپتىكى ئەزالارنىڭ تىزىش تەرتىپى بويىچە ئىلگىرى - كېيىن بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئېتىلغان لىپەك تاش ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزى سوقماقچى بولغان لىپەك تېشى بار ئورۇننى ئاساس قىلىشى شەرت. لىپەك تاشنى تىزغۇچىلار لىپەك تاشلارنى بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە تۈپتۈز قىلىپ تىزىدۇ. لىپەك تاش بىر قېتىم ئېتىلغاندا ھەر بىر ئەزانىڭ سوقماقچى بولغان لىپەك تېشى ئاۋۋال ئۆزلىرى ياكى ئۆز گۇرۇپپا ئەزالىرى تەرىپىدىن سوقۇلسا، شۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە تولۇق ئورۇندىلىپ، سوقۇلغان ھەر بىر لىپەك تاش ئۈچۈن نومۇر بېرىلسە، ئاخىرىدا گۇرۇپپا بويىچە قوشۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر گۇرۇپپا ئىچىدىكى ئەزا سوقماقچى بولغان كىشىنىڭ ئۆزى ياكى گۇرۇپپا ئەزالىرى سوقۇلمىسا، شۇ قېتىمدىكى سوقۇش نۆۋىتى قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئويۇن باشلىغۇچى گۇرۇپپا بىر نۆۋەتتىلا باشتا كېلىشكەن ساننى بىراقلا توشقۇزۇۋەتسە، نومۇرى چەككە يەتكەن تەرەپ لىپەك تاشنى تىزىپ قارشى تەرەپنى ئاتقۇزۇپ كۆرىدۇ. ئۇلارمۇ بىرلا ۋاقىتتا نومۇر چېكىگە يەتكۈزەلىسە، ئويۇن يەنە باشتىكىدەك ھۆللەنگەن لىپەك تاشنىڭ ئاسمانغا تاشلىنىشى بىلەن قايتىدىن باشلىنىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بىرىنچى رەت نومۇر چېكىگە يەتكەنلەر ئويۇندا ئۇتقان بولۇپ قارشى تەرەپكە <جازا> يۈرگۈزۈلىدۇ. <جازا> بېرىش مۇنداق بولىدۇ. يېڭىلگەن تەرەپ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ لىپەك تاشلىرىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تىكلەپ قارشى تەرەپتىكى رەقىبىنى يۈدۈپ لىپەك تاش ئېتىش ئۈچۈن سىزىق تارتىلغان ئورۇنغا ئېلىپ بېرىپ ئىككى - ئۈچ قېتىم ئوڭ چۆرگىلىتىدۇ. يۈدۈلگەن بالا چۆرگىلىتىۋاتقان پۇرسەتتە قولىدىكى لىپەك تاشنى قارشى تەرەپ تىزغان لىپەك تاش تەرەپكە ئاتىدۇ. ئاندىن يۈدۈگۈچىنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ ئۆزى ئاتقان لىپەك تاش چۈشكەن يەرگە بېرىپ ئۇنى قول بارمىقى بىلەن ئىتتىرىپ تىكلەنگەن تاشنى ئۆرۈۋېتىشكە تىرىشىدۇ. <جازا> ئىجرا قىلغۇچى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ، ئاندىن گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ رەقىبى تىكلەنگەن لىپەك تاشلارنى يىقىتالىسا، قارشى تەرەپ ئەزالىرىغا يەنە <مىنىپ> لىپەك تاشنى تاشلايدۇ. بولمىغاندا، بىر مەيدان ئويۇن خۇلاسىلىنىپ، يېڭىلگەن تەرەپ ئويۇننى يېڭىدىن باشلايدۇ. ئويۇن يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە قايتا - قايتا تەكرارلىنىدۇ. بۇ ئويۇندا تىكلەنگەن لىپەك تاشنى سوقۇپ يىقىتىشتا بەلگىلىك قائىدە بولىدۇ. مەسىلەن، لىپەك تاشنى تاشلىغۇچى (رەقىبى تىكلىگەن لىپەك تاشنى سوققۇچى) بەلگىلەنگەن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئوڭ تەرەپكە سەل قىيسىيىپ (سول قولدا ئاتىدىغان بولسا) لىپەك تاش تۇتقان قولىنى قىيسايغان تەرەپتىكى قۇلىقىنىڭ تۈۋى، شۇ قولنىڭ مۈرىسىگە توغرىلاپ يەر بېغىرلىتىپ ئاتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا چوقۇم، شۇنداق ئېتىش شەرت قىلىنىدۇ. تاشلانغان لىپەك تاش كەلگەن پېتىچە ئاتقۇچىنىڭ رەقىبى تىكلىگەن لىپەك تاشنى يىقىتسا، بۇ ئالاھىدە نەتىجە بولۇپ بىراقلا ئون نومۇر بېرىلىدۇ. ناۋادا، تاشلانغان لىپەك تاش ئۆزى سوقماقچى بولغان لىپەك تاشتىن باشقا بىر تاشنى ئۆرۈۋەتسە، پۈتۈن گۇرۇپپىنىڭ لىپەك تاش ئېتىش نۆۋىتى كۆيگەن بولۇپ، نۆۋەت تۈگەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالغان نومۇرى يوق بولىدۇ. بۇ <كۆيدى> دېيىلىدۇ. بۇنداق بولماي نورمال داۋاملىشىپ تاشلىغۇچىنىڭ لىپەك تېشى باشقىلارنىڭ لىپەك تېشىنى ئۆرۈۋەتمەي تىكلەنگەن لىپەك تاشلارنىڭ يېقىن ئەتراپىغا چۈشسە، بۇ تاشنى ئاتقان بالا كېلىپ لىپەك تاشلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئاساسلىق بولغان قول بارمىقى ۋە ياردەمچى قول بارمىقىنى ئىشقا سېلىپ، لىپەك تاشلارنى بارماق ئارقىلىق ئىتتىرىپ، قارشى تەرەپ تىكلەنگەن لىپەك تاشلارنى سوقۇپ يىقىتىپ، ئاندىن گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىچىدە ئۆرىيەلمىگەنلەرنىڭ تېشىنى سوقۇپ ياردەم بەرسە بولىدۇ. بۇنداق قىلىش چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ لىپەك تاشلىرىنى سوقۇپ ئۆرۈپ بولغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇ ئويۇن ياش - ئۆسمۈرلىرى قارىغا ئېتىشنىڭ دەسلەپكى ساۋاتلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ. سورۇن كۆرۈپ قائىدە - يوسۇنلۇق ئىش قىلالايدىغان، سەپداشلار ئارا ياردەم بېرىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ياخشى خىسلەتنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇ ئويۇننى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش