تاش يوشۇرۇش ئويۇنى

تاش كەلدى - تاش كەتتى ئويىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ئوينىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئويۇندا ئەر - ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ. ئويۇنغا ئاز بولغاندا 7 - 8 ئادەم قاتنىشىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇنغا يىغىلغان ئادەم ئىچىدىن ئىختىيارىي ئاساستا ياكى چەك تاشلاش ئارقىلىق تاش تاپقۇچى بالا بەلگىلىنىدۇ. قالغان كىشى ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى كىرىشتۈرگەن ھالدا چەمبەر ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا گۈلىدەك چوڭلۇقتىكى بىر تاش يوشۇرۇنغان بولىدۇ. تاش تاپقۇچى كىشى چەمبەر ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، تاش يوشۇرغۇچى ئادەملەر <تاش كەلدى - تاش كەتتى> دەپ توختىماي ۋارقىراپ توۋلاپ، تاشنى يوشۇرۇن ھالدا قولدىن قولغا يۆتكەپ ماڭغۇزۇپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى تاش تاپقۇچى كىشى تاشنى تېپىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر تاش تاپقۇچى كىشى ئازاد بولىدۇ - دە، تاشنى تاپقۇزۇپ قويغۇچى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ تاش تاپىدۇ. ئۈچ نۆۋەتكىچە تاپالمىسا، ئۇ ھالدا ئويۇننى قىزىتىش ئۈچۈن تاشنى تاپالمىغۇچىنىڭ ئوڭ قولى ئوڭ پۇتىغا چېتىلىپ، بەلگىلەنگەن ئارىلىققىچە يۈگۈرىدۇ ياكى ئۇسسۇل ئويناپ بېرىدۇ. بۇ ئويۇندا، قولدىن - قولغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان تاشنى بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىگە يوشۇرۇنۇشقا بولمايدۇ، پەقەت قولدىن - قولغا يۆتكىلىپلا تۇرىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش