تاماق سايمانلىرى ۋە ئاپتۇۋا – چىلاپچا

تاماق سايمانلىرى دېگەندە، تاماق راسلاش ۋە تاماق يېيىش سايمانلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداق سايمانلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن: تونۇر، زىخ، ئوچاق، كۆسەي، لاخشىگىر، سۇپرا، ئاشتاختا، سېكىلەك – پوزا، نوغۇچ، تۈكچە، رېپىدە، گەزنە، داس (تەڭنە)، قازان، داڭقان، تاۋا، داغلۇغا (قورۇما قورۇيدىغان ساپلىق)، مانتا قازىنى، چۆمۈچ، كەپكۈر، چويلا، قوشۇقلۇق، پىلتە لېگىنى، قورۇما كورىسى، چۆگۈن، چېلەك، كۈپ، ياغ قاچىسى، تۇز قاچىسى، پىچاق، قىڭراق، كەكە، پالتا، ئەلگەك، بەل، پېچىنە – پىرەنىك قېلىپى، دوخۇپكا، پەشتاما قاتارلىقلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق تاماق راسلاش سايمالىرىمىز ھېسابلىنىدۇ.

    چوكا، قوشۇق، پىيالە، چىنە، ھەرخىل تەخسە، لېگەن، تاماق شىرەسى، داستىخان قاتارلىقلار تاماق يېيىش سايمىنىمىز ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى تۈردىكى سايمانلار تاماق راسلاش، يېيىشلەردە باراۋەر ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سايمانلارنى، ئاساسەن، يەرلىك قول ھۈنەرۋەنلەر ياسايدۇ. قوشۇق بىزدە ھەممىدىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سايمان بولۇپ، ئۇ ئۈجمە، ئۆرۈك، چىلان دەرەخلىرىنىڭ ياغىچىدىن ئويۇپ، نەقىش چىقىرىلىپ ياسىلىدۇ. يېزىلاردا چوكا ئىشلىتىش ئانچە ئومۇملاشمىغاچقا، بەزىلەر(كۆپرەك ياشانغان ئاياللار) چوكا بىلەن يېيىلىدىغان لەڭمەن قاتارلىق تاماقلارنى قولى بىلەن يېيىشكە ئادەتلەنگەن.    

  ×     ×     ×

    ئاپتۇۋا – چىلاپچا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈز – قول يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئائىلە سايمىنى. ئائىلىلىرىمىزدە مېھماننىڭ قولىغا ئاپتۇۋا –  چىلاپچا بىلەن سۇ بېرىلىدۇ. سۇ بەرگۈچىنىڭ ئوڭ مۈرىسىدە لۆڭگە بولىدۇ. قول يۇيغۇچىلار قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇپ، سۇ قۇيغۇچىنىڭ مۈرىسىدىكى لۆڭگىنى ئېلىپ قولىنى سۈرتىدۇ. يۇيۇلغان قولنى لۆڭگىگە سۈرتمەستىن سىلكىش خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. يۈز – قولنى يۇغاندا سۈيىنى سىرغىتىپ يۇيۇش تازىلىق تەلىپىگە تولىمۇ ئۇيغۇن.

    جامائىتىمىزدىكى بەزى ئائىلىلەردە ئاپتۇۋا – چىلاپچا زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئۆينىڭ تەكچىلىرىگە تىزىپ قويۇلىدۇ.[1]

مەنبەلەر

تەھرىرلەش
  1. ئاپتۇر: بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 04- 24 12:51؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-04/24/content_183762.htm؛ مۇھەررىر: قەيسەر