تام پاتمىچۇقى كەسلەنچۈكلەر ئەترىتىگە بىر خىلى، « پاتمىچۇق » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.خىتاينىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا « كەسلەنچۈك »، « پاتمىچۇق »، « سالما »، گۇاڭدوڭنىڭ غەربى رايونىدىكى « ئىلمەك ئورغاق يىلان » ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى كىشىلەر دائىم ئوت ئورۇش، شال ئورۇش، ئوت - چۆپ ئورۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئورغاق ( ئادەتتە « ئىلمەك ئورغاق » ) قا ئوخشايدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە ئىسمى :تام پاتمىچۇقى

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Wall lizard


تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كەسلەنچۈكلەر ئەترىتى

ئائىلىسى :گېككونلار ئائىلىسى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى تىپى :تام پاتمىچۇقى كەنجى ئەترىتى

سىرتقى شەكلى تەھرىرلەش

تام پاتمىچۇقى تام پاتمىچۇقى : ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 12 سانتىمېتىر، گەۋدىسى بىلەن قۇيرۇقى باراۋەر ئۇزۇنلۇقتا. بېشى ياپىلاق، كەڭ؛ ئېغىزى يانتۇ ياپىلاق، كۆز دىئامېتىرى قارىغاندا ئۇزۇن بولىدۇ؛ بۇرۇن تۆشۈكى، ئېغىز ئۇچىغا يېقىن؛ قۇلاق تۆشۈكى كىچىك، تۇخۇمى يۇمۇلاق شەكىللىك؛ تەڭگىسىمان ئېغىزى بۇرۇن تۆشۈكى، ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىنى ئۈچ تالدىن بىر قەدەر چوڭ تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. باش، جىسىم تەرىپىگە ئۇششاق تەڭگىچىلەر بىلەن قاپلانغان، گەجگە قىسىم ئاز ساندىكى چوڭراق بولغان يۇمىلاق تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، گەۋدە قىسمىدا تەڭگىچە قاسىراق 12 ~ 14 قۇر يۇمىلاق گىرەلەشمىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ كۆكرەك، قورساق تەڭگىچىلىرى چوڭراق،

كاھىشسىمان؛ قۇيرۇقىنىڭ ئارقا تەرىپىدە تەڭگىسىمان قاسراقلىرى ھالقىسىمان تىزىلغان بولۇپ، ھەر 9 ~ 10  قاتار رەتلىك ھەم سەل كەڭ كېلىدۇ. قۇيرۇق قورساق مەركىزىدە بىر تال تەڭگىسىمان قاسراق  بىر قەدەر كەڭ. قول بارمىقى، بارماقلىرى ئارىسىدا پالاقچە پەردە ئىزى؛ قول بارمىقى، پۇت بارمىقى، ئاستى يەككە پۈرمىسى تېرە ياپراقچىسىغا ئىگە؛ بىرىنچى بارمىقىدىن باشقا ئاخىرقى ئۇچ بارماقلىرى كىچىك پەنجىلىك. قۇيرۇق تۈۋى قىسمى بىر قەدەر كەڭ قېلىن. دۈمبىسى كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ ئارقا گەۋدە 5 ~ 6 دانە چوڭقۇر كەڭ يوللۇق؛ بارماقلىرى ۋە قۇيرۇقدا قېنىق تۈز سىزىقلار بار. قۇيرۇقى ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا ئۆسىدۇ.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • سىرتقى شەكلى
  • ياشاش قانۇنىيىتى
  • كۆپىيىش ئەھۋالى
  • تارقىلىش دائىرىسى
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ياشاش قانۇنىيىتى تەھرىرلەش

تام

ام پاتمىچۇقىتام پاتمىچۇقى ئادەتتە كۈندۈزى يېتىپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان ھايۋان. كۈندۈزى ئۇ يوشۇرۇنۇپ يېرىق، كاھىش لەمپە ئاستى ئىشكاپ ئارقىسى قاتارلىق جايلارغا يۇشۇرنىدۇ، كېچىسى بولسا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.ياز كۈز پەسىللىرىنىڭ كەچلىرىدە، تام پاتمىچۇقى چىراغ يورۇقى چۈشكەن تام-تورۇسلارغا ۋە ئىستولبىغا چىقىۋېلىپ، مەخسۇس پاشا، چىۋىن، پەرۋانە قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلانى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇ خۇددى تامغا چىقىۋالغان بەھەيۋەت كىچىك يولۋاستەك ناھايىتى سالماق ۋە توغرا ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «تامدىكى كىچىك يولۋاس» دەپمۇ ئاتىشىدۇ. تام پاتمىچۇقى كۈشەندىسىگە يولۇقۇپ قالسا، قۇيرۇقى ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئۈزۈلۇپ كەتكەن قۇيرۇقى نېرۋىلارنىڭ رولى ئوينىشى تۈپەيلىدىن بىردەم قىمىرلاپ تۇرغاچقا، كۈشەندىسى تام پاتمىچۇقىنى تاشلاپ قويۇق، قۇيرۇق بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. پايدىسى باركى، زىيىنى يوق ھايۋان.

كۆپىيىش ئەھۋالى تەھرىرلەش

تـۇخـۇم تۇغۇش ئارقىلىق كۆپىيىدۇ.

تارقىلىش دائىرىسى تەھرىرلەش

تام پاتمىچۇقىئاساسلىقى خىتاينىڭ غەربىي جەنۇب ۋە چاڭجياڭ ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلار؛ يەنە ياپونىيە ۋە چاۋشەن تارقالغان. كەسلەنچۈكلەر كەنجى ئەترىتى تام پاتمىچۇقى ئائىلىسى بارلىق كەسلەنچۈكنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، تەخمىنەن 80 خىلدىن 750 خىلغىچە ئۇرۇقداشلىرى بار. ئادەمگە زىيانسىز، لېكىن ئاۋازى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.

ئالاقىدار بايان تەھرىرلەش

تام پاتمىچۇقىكىشىلەر مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تىرناق ۋە بارماقلىرىنىڭ ئاستىدىكى تېرىسىدە مىليۇنلىغان تىكەنسىمان كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ تىكەنسىمان نەرسىدە يەنە سانسىز قوشۇقسىمان نەرسىنىڭ ئىنتايىن قويۇق ھالەتتە كۆپۈپ چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل ئالاھىدە ئەزالار تام، تاختاي، ئەينەك قاتارلىق سىلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ناھايىتى زور سۈركىلىش كۈچى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، تام پاتمىچۇقى سىلىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ كەتمەي ئەركىن-ئازادە يۈگۈرۈپ يۈرەلەيدۇ.