ترانسىپورت توختامى

17- باب ترانسىپورت توختامى

  1- پاراگراف ئومۇمىي بەلگىلىمە
  288- ماددا ترانسىپورت توختامى توشۇغۇچى يولۇچى ياكى مالنى توشۇيدىغان جايدىن پۈتۈشكەن جايغا توشۇپ ئاپىرىدىغان، يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى بېلەت پۇلى ياكى كىرا ھەققى تۆلەيدىغان توختامدۇر.
  289- ماددا ئاممىۋى ترانسىپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان توشۇغۇچىنىڭ يولۇچى ۋە توشۇتقۇچى قويغان ئادەتتىكى، مۇۋاپىق توشۇش تەلىپىنى رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  290- ماددا توشۇغۇچى يولۇچى ۋە مالنى پۈتۈشكەن سۈرۈك ئىچىدە ياكى مۇۋاپىق سۈرۈك ئىچىدە پۈتۈشكەن جايغا بىخەتەر توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك.
  291- ماددا توشۇغۇچى يولۇچى ۋە مالنى پۈتۈشكەن ياكى ئادەتتىكى ترانسپورت لىنىيىسى بويىچە پۈتۈشكەن جايغا توشۇپ ئاپىرىشى كېرەك.
  292- ماددا يولۇچى، توشۇغۇچى ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى بېلەت پۇلى ياكى كىرا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، توشۇغۇچى پۈتۈشكەن لىنىيە بويىچە ياكى ئادەتتىكى لىنىيە بويىچە توشۇماي، بېلەت پۇلىنى ياكى كىرا ھەققىنى كۆپەيتىۋەتسە، يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى كۆپىيىپ كەتكەن بېلەت پۇلى ياكى كىرا ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلسا بولىدۇ.
  2- پاراگراف يولۇچى توشۇش توختامى
  293- ماددا يولۇچى توختامى توشۇغۇچى يولۇچىغا بېلەتنى بەرگەن چاغدا پۈتىدۇ. لېكىن، ئالاقىدارلاردىن ئايرىم پۈتۈشكىنى ياكى باشقىچە سودىلىشىش ئادىتى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  294- ماددا يولۇچى قاتناش قورالىغا ئىناۋەتلىك بېلەت بىلەن چىقىشى كېرەك. يولۇچى قاتناش قورالىغا بېلەت ئالماي، مۇساپىدىن ئاشۇرۇپ، دەرىجە ئاتلاپ ياكى ئىناۋەتسىز بېلەت بىلەن چىققان بولسا، بېلەت پۇلىنى تولۇقلىشى كېرەك. توشۇغۇچى ئۇنىڭدىن بېلەت پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە كۆپ ئالسا بولىدۇ. يولۇچى بېلەت پۇلىنى تاپشۇرمىسا، توشۇغۇچى يولۇچىنى توشۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ.
  295- ماددا يولۇچى قاتناش ۋاستىسىگە ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن بېلەتتىكى ۋاقىت بويىچە چىقمىسا، بېلەتنى قايتۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا بېجىرىشى كېرەك. مۇددەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ كەلگەندە، توشۇغۇچى بېلەت پۇلىنى قايتۇرمىسا ھەمدە توشۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمىسە بولىدۇ.
  296- ماددا يولۇچى يولغا چىققاندا يۈك- تاقنى پۈتۈشكەن ئېغىرلىق چېكى بويىچە ئېلىشى كېرەك، يۈك- تاقلىرى ئېغىرلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، توشۇتۇش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.
  297- ماددا يولۇچىلارنىڭ ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك، چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپ بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك قاتناش قورالى ئۈستىدىكى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياكى مەنئى قىلىنغان باشقا بۇيۇملارنى يېنىدا ياكى يۈك- تاقتا ئېلىپ چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  يولۇچىلار ئالدىنىقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، توشۇغۇچى مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى چۈشۈرۈۋەتسە، كۆيدۈرۈۋەتسە ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. يولۇچى يېنىدا ۋە يۈك- تاقتا مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭىمەن دەپ تۇرۇۋالسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلىشى كېرەك.
  298- ماددا توشۇغۇچى يولۇچىلارغا نورمال قاتنىيالماسلىقتىكى مۇھىم سەۋەبنى ۋە بىخەتەر قاتناشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
  299- ماددا توشۇغۇچى يولۇچىلارنى بېلەتتىكى ۋاقىت ۋە نۆۋەت بويىچە توشۇشى كېرەك، توشۇغۇچى توشۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويسا، يولۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن باشقا نۆۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى بېلەتنى قايتۇرۇشى كېرەك.
  300- ماددا توشۇغۇچىلاردىن قاتناش قوراللىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ، مۇلازىملىق ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتكەنلىرى يولۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بېلەتنى قايتۇرىشى ياكى بېلەت پۇلىنى ئاز ئېلىشى كېرەك؛ مۇلازىملىق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلەر بېلەت باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىقى كېرەك.
  301- ماددا توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا كېلىشى قوزغىلىپ قالغان، تۇغىدىغان، خەتەرگە يولۇققان يولۇچىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇشى لازىم.
  302- ماددا توشۇغۇچى توشۇش جەريانىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان يولۇچىلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن يولۇچىلارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىغا سالامەتلىكى سەۋەب بولغانلىرى ياكى يولۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قەستەنلىكى، ئېغىر سەۋەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى توشۇغۇچى ئىسپاتلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  بېلەت ئالمايدىغان، ئېتىبار بېرىش بېلىتى ئالغان ياكى قاتناش ۋاستىلىرىگە توشۇغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بېلەتسىز چىققان يولۇچىلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
  303- ماددا توشۇش جەريانىدا، يولۇچىلار ئۆزى ئېلىپ يۈرگەن نەرسىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ، يوقاپ كېتىشىدە توشۇغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بولسا، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  يولۇچىلار توشۇتقان يۈك- تاقلار بۇزۇلۇپ، يوقاپ كەتسە، مال توشۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
  3- پاراگراف مال توشۇش توختامى
  304- ماددا توشۇتقۇچى مال توشۇشتا، توشۇغۇچىغا مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ نامى، ئىسىم- فامىلىسى ياكى كۆرسىتىلگەن تاپشۇرۇۋالغۇچى، مالنىڭ نامى، خاراكتېرى، ئېغىرلىقى، سانى، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئورنى قاتارلىق مال توشۇشقا ئالاقىدار زۆرۈر ئەھۋاللارنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.
  توشۇتقۇچىنىڭ ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقى ياكى مۇھىم ئەھۋاللارنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن توشۇغۇچى زىيان تارتسا، توشۇتقۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  305- ماددا مال توشۇشتا تەستىقلاش، تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە توغرا كەلسە، توشۇتقۇچى ئالاقىدار رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەن ھۆججەتنى توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.
  306- ماددا توشۇتقۇچى مالنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل بويىچە ئورىشى، قاچىلىشى لازىم، ئوراش- قاچىلاش ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 156- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
  توشۇتقۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلسا بولىدۇ.
  307- ماددا توشۇتقۇچى ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپ بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇشتا، دۆلەتنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئوبدان ئوراپ قاچىلاپ، خەتەرلىك بۇيۇم بەلگىسى ۋە يارلىقى چاپلىشى ھەمدە خەتەرلىك بۇيۇمنىڭ نامى، خۇسۇسىيىتى ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىگە ئائىت يازما ماتېرىيالنى توشۇغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. توشۇتقۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، توشۇغۇچى توشۇشنى رەت قىلسىمۇ، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ زىياننىڭ ئالدىنى ئالسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى توشۇتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  308- ماددا توشۇغۇچى مالنى تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى، توشۇتقۇچى توشۇغۇچىدىن توشۇشنى توختىتىپ تۇرۇشنى، مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى، مەنزىلنى ئۆزگەرتىشنى ياكى باشقا تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن توشۇغۇچىنىڭ بۇنىڭدىن تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
  309- ماددا مەنزىلگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، توشۇغۇچى تاپشۇرۇۋالغۇچىنى بىلسە، ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، تاپشۇرۇۋالغۇچى مېلىنى ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىشى كېرەك. تاپشۇرۇۋالغۇچى مال ئېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، توشۇغۇچىغا ساقلاپ بېرىش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى كېرەك.
  310- ماددا تاپشۇرۇۋلغۇچى مالنى ئېلىپ كېتىشتە، پۈتۈشكەن مۆھلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك. مال تەكشۈرۈش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، مالنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك. مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ياكى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە مالنىڭ سانى، بۇزۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا باشقىچە پىكرى بولمىسا، بۇ تۇشۇغۇچىنىڭ يۈك توشۇش تالونىغا خاتىرىلەنگىنى بويىچە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ دەسلەپكى ئىسپاتى دەپ قارىلىدۇ.
  311- ماددا توشۇش جەريانىدا مال بۇزۇلسا، يوقاپ كەتسە، توشۇغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن، توشۇغۇچى مالنىڭ بۇزۇلۇشى، يوقاپ كېتىشى يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋالدىن، مالنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ياكى مۇۋاپىق خوراشتىن ۋە توشۇتقۇچى ھەمدە مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسە، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
  312- ماددا بۇزۇلغان، يوقالغان مالنىڭ تۆلەم سوممىسىنى ئالاقىدار پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، تاپشۇرۇلىدىغان ياكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان چاغدا مەنزىلدىكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تۆلەم سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە تۆلەم چېكى ئايرىم بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  313- ماددا ئىككىدىن ئارتۇق توشۇغۇچى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۇلاپ توشۇغاندا، توشۇتقۇچى بىلەن توختام تۈزگەن توشۇغۇچى پۈتۈن مۇساپىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەلۇم ترانسىپورت بۆلىكىدە زىيان كۆرۈلسە، توشۇتقۇچى بىلەن توختام تۈزۈشكەن توشۇغۇچى ۋە شۇ ترانسىپورت بۆلىكىدىكى توشۇغۇچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  314- ماددا توشۇش جەريانىدا يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن مال يوقاپ كەتكەندە كىرا ھەققى ئېلىنمىغان بولسا، توشۇغۇچى كىرا ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ؛ كىرا ھەققى ئېلىنغان بولسا، توشۇتقۇچى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  315- ماددا توشۇتقۇچى ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى كىرا ھەققى، ساقلاش ھەققى ۋە باشقا توشۇش خىراجەتلىرىنى تۆلىمىسە، توشۇغۇچى توشۇلىدىغان مالنى قالدۇرۇپ تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن ئالاقىدارلار باشقىچە پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  316- ماددا مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ئېنىق بولمىسا ياكى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى مال تاپشۇرۇۋېلىشنى يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ رەت قىلسا، توشۇغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 101- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مالنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ.
  4- پاراگراف كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش توختامى
  317- ماددا كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش توختامىنى ئىجرا قىلىشقا ياكى ئىجرا قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مۇساپىلىك توشۇشتا توشۇغۇچىنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، توشۇغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  318- ماددا كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى كۆپ خىل ئۇسۇلدا توشۇشقا قاتناشقان بۆلەكلەردىكى توشۇغۇچىلار بىلەن كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش توختامىغا كىرگۈزۈلگەن بۆلەكلەردىكى توشۇش جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئارا پۈتۈشسە بولىدۇ، لېكىن بۇ پۈتۈم كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك توشۇشتا ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
  319- ماددا كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى توشۇتقۇچى بەرگەن مالنى تاپشۇرۇلغاندا، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش تالونىغا ئىمزا قويۇشى كېرەك. توشۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش تالونى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان تالون بولسىمۇ، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان تالون بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
  320- ماددا توشۇتقۇچىنىڭ مال توشۇتۇشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى زىيانغا ئۇچرىسا، توشۇتقۇچى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش تالونىنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  321- ماددا مال كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇلىدىغان مەلەم بۆلەكتە بۇزۇلغان، يوقالغان بولسا، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە جاۋابكارلىق چېكىگە شۇ بۆلەكتىكى توشۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. مالنىڭ قەيەردە بۇزۇلغانلىقى، يوقالغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمىسا، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇيدىغان تىجارەتچى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.