توختامدىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيەتنىڭ ئاياغلىشىشى

6- باب توختامدىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيەتنىڭ ئاياغلىشىشى
  91- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە توختامدىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيەت ئاياغلىشىدۇ:
  (1) قەرز پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىنىپ بولغان بولسا؛
  (2) توختام بىكار قىلىنغان بولسا؛
  (3) قەرز ئۆز ئارا بالانس قىلىنغان بولسا؛
  (4) قەرزدار نىشان نەرسىنى قانۇن بويىچە ساقلاشقا بەرگەن بولسا؛
  (5) ھەقدار قەرزنى كەچۈرۈم قىلغان بولسا؛
  (6) ھەقدار بىلەن قەرزدار بىرلا كىشى بولغان بولسا؛
  (7) ئاياغلىشىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باشقا ئەھۋاللار.
  92- ماددا توختامدىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سودىلىشىش ئادىتى بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش، ياردەملىشىش، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
  93- ماددا ئالاقىدارلار كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندە، توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  ئالاقىدارلار بىر تەرەپنىڭ توختامنى بىكار قىلىش شەرتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ، توختامنى بىكار قىلىش شەرتى ھازىرلانغاندا، بىكار قىلىش ھوقۇق ئىگىسى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  94- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە ئالاقىدارلار توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
  (1) يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەبتىن توختامدىكى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا؛
  (2) ئىجرا مۆھلىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئالاقىدار بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرزنى تۆلىمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسە؛
  (3) ئالاقىدار بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرزنى تۆلەشنى كېچىكتۈرۈپ، سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تۆلىمىسە؛
  (4) ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ قەرز تۆلەشنى كېچىكتۈرۈشى ياكى توختامغا خىلاپ باشقا قىلمىشى سەۋەبىدىن توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا؛
  (5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
  95- ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۆھلىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئالاقىدارلار مۆھلەت توشقۇچە يۈرگۈزمىسە، بۇ ھوقۇق يوقىلىدۇ.
  بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۆھلىتى قانۇندا بەلگىلەنمىگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن بولۇپ، قارشى تەرەپ سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە يۈرگۈزمىسە، بۇ ھوقۇق يوقىلىدۇ.
  96- ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ مۇشۇ قانۇننىڭ 93- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقى ۋە 94- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قارشى تەرەپكە تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن توختام كۈچىنى بىكار قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توختامنى بىكار قىلىشتا تەستىقلىتىش، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  97- ماددا توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئىجرا قىلىنمىغانلىرىنىڭ ئىجراسى ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئىجرا قىلىنغانلىرىنىڭ ئىجراسى ۋە توختامنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، ئالاقىدارلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ۋە باشقا تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  98- ماددا توختامدىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيەتنىڭ ئاياغلاشتۇرۇلۇشى توختامدىكى راسچوت قىلىش ۋە ئېنىقلاشقا دائىر ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
  99- ماددا ئالاقىدارلار قەرەلى توشقان قەرزنى ئۆز ئارا تۆلەشتە، شۇ قەرزدىكى نىشان نەرسىنىڭ تۈرى، سۈپىتى ئوخشاش بولسا، ھەر قانداق بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ قەرزىنى قارشى تەرەپنىڭ قەرزى بىلەن بالانس قىلىۋەتسە بولىدۇ، لېكىن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى توختامنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بالانس قىلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  ئالاقىدار بالانس قىلىۋېتىش تەشەببۇسىنى قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قارشى تەرەپكە تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بالانس قىلىۋېتىشكە قوشۇمچە شەرت قويۇشقا ياكى مۆھلەت بەلگىلەشكە بولمايدۇ.
  100- ماددا ئالاقىدارلار ئۆز ئارا قەرز تۆلەشتە، نىشان نەرسىنىڭ تۈرى، سۈپىتى ئوخشاش بولمىسا، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن بالانس قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
  101- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە قەرز تۆلەش تەسكە توختىسا، قەرزدار نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ:
  (1) ھەقدار تاپشۇرۇۋېلىشنى ئۇرۇنسىز رەت قىلسا؛
  (2) ھەقدارنىڭ ئىز- دېرىكى بولمىسا؛
  (3) ھەقدار ئۆلۈپ كېتىپ ۋارىسى بېكىتىلمىگەن ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىپ، ۋەسىيىسى بېكىتىلمىگەن بولسا؛
  (4) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
  نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرگىلى بولمىسا ياكى ساقلاش خىراجىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، قەرزدار ئۇنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېتىپ، پۇلىنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ.
  102- ماددا نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرگەندىن كېيىن، ھەقدارنىڭ ئىز- دېرىكى بولغىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قەرزدار ھەقدارغا ياكى ھەقدارنىڭ ۋارىسىغا، ۋەسىيىسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
  103- ماددا نىشان نەرسىنىڭ ساقلاشقا بەرگەندىن كېيىن بۇزۇلۇش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ. ساقلاپ بېرىلىۋاتقان چاغدىكى ھاسىلى ئۆسۈمى ھەقدارغا تەۋە بولىدۇ. ساقلىتىش خىراجىتىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
  104- ماددا ھەقدار ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىنى ھەر ۋاقىت ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، لېكىن قەرزدارنىڭ ھەقداردا قەرەلى توشقان بولسا، ھەقدار قەرز تۆلەشتن ياكى كېپىللىك بېرىشتىن بۇرۇن، ساقلىغۇچى تارماق قەرزدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەقدارنىڭ ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىشىنى رەت قىلىشى كېرەك.
  ھەقدارنىڭ ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىش ھوقۇقى شۇ نەرسە ساقلاشقا بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسە يوقىلىدۇ، ساقلانما ساقلىتىش خىراجىتى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن دۆلەت ئىلىكىگە ئۆتىدۇ.
  105- ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، توختامدىكى ھوھۇق- مەجبۇرىيەتنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى ئاياغلىشىدۇ.
  106- ماددا ھەقدار بىلەن قەرزدار بىرلا كىشى بولسا، توختامدىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيەت ئاياغلىشىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.