توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى

 4- باب توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى
  60- ماددا ئالاقىدارلار مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.
  ئالاقىدارلار سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، توختامنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە سودىلىشىش ئادىتىگە ئاساسەن، ئۇقتۇرۇش قىلىش، ھەمكارلىشىش، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
  61- ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار سۈپەت، مال پۇلى ياكى ھەق، توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جاي قاتارلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كېڭىشىپ تولۇقلىسا بولىدۇ؛ قوشۇمچە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىرىنى توختامدىكى ئالاقىدار ماددىلار ياكى سودىىشىش ئادىتى بويىچە بېكىتىدۇ.
  62- ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ:
  (1) سۈپەت تەلىپى ئېنىق بولمىغانلىرىدا دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بولمىغانلىرىدا ئادەتتىكى ئۆلچەم ياكى توختامدىكى مەقسەتكە ئۇيغۇن مۇئەييەن ئۆلچەم ئىجرا قىلىنىدۇ.
  (2) مال پۇلى ياكى ھەق ئېنىق بولمىغانلىرىدا توختام تۈزۈلگەندە ئىجرا قىلىنغان جاينىڭ بازار باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھا ياك ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىندىغانلىرىدا شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
  (3) ئىجرا قىلىنىدىغان جاي ئېنىق بولماي پۇل بېرىلىدىغانلىرى پۇل ئالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ كۆچمەس مۈلۈك تاپشۇرىدىغانلىرىدا شۇ مۈلۈك بار جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باشقا نىشانلار مەجبۇرىيەت ئادا قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ.
  (4) ئىجرا مۆھلىتى ئېنىق بولمىغاندا، قەرزدار مەجبۇرىيەتنى ھەر ۋاقىت ئادا قىلسا بولىدۇ، ھەقدارمۇ ئىجرا قىلىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپكە يېتەرلىك تەييارلىق ۋاقتى بېرىشى لازىم.
  (5) ئىجرا ئۇسۇلى ئېنىق بولمىغانلىرى توختامدىكى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئۇسۇل بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
  (6) كىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى ئېنىق بولمىغان ئىجرا خىراجىتىنى مەجبۇرىيەت ئادا قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  63- ماددا ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغان توختامدىكى ھۆكۈمەت باھاسى پۈتۈشكەن تاپشۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە تەڭشەلسە، باھا تاپشۇرۇش ۋاقتىدىكى باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ىشان نەرسىنى تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ، باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئەسلىي باھا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باھا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، يېڭى باھا ئىجرا قىلىنىدۇ. نىشان نەرسىنى ئېلىش مۇددىتى ياكى پۇل تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ، باھانىڭ ئۆرلىگەن ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالسا، يېڭى باھا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باھا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئەسلىي باھا ئىجرا قىلىنىدۇ.
  64- ماددا ئالاقىدارلار قەرزدار قەرزنى ئۈچىنچى كىشىگە تۆلەيدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسىمۇ، قەرزدار قەرزنى ئۈچىنچى كىشىگە تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، ھەقدار ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  65- ماددا ئالاقىدارلار ئۈچىنچى كىشى قەرزنى ھەقدارغا تۆلەيدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئۈچىنچى كىشى قەرزنى تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، قەرزدارنى ھەقدار ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  66- ماددا ئالاقىدارلار ئۆز ئارا قەرز تۆلەشتە ئىلگىرى- كېيىنلىك تەرتىپى بولمىسا، بىرلا ۋاقىتتا تۆلىشى كېرەك، قارشى تەرەپ قەرز تۆلەشتىن بۇرۇن يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قارشى تەرەپ قەرزنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ مۇناسىپ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  67- ماددا ئالاقىدارلار ئۆز ئارا قەرز تۆلەشتە ئىلگىرى- كېيىنلىك تەرتىپى بولسىمۇ، ئاۋۋال تۆلىگۈچى تۆلىمىگەن بولسا، كېيىن تۆلىگۈچى ئۇنىڭ تۆلىتىش تەلپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاۋۋال تۆلىگۈچى قەرزنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، كېيىن تۆلىگۈچى ئۇنىڭ مۇناسىپ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  68- ماددا قەرزنى ئاۋۋال تۆلەيدىغان ئالاقىدارلارنىڭ قارشى تەرەپتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەقىقىي دەلىل- ئىسپاتى بولسا، تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ:
  (1) تىجارەت ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىش؛
  (2) قەرزدىن قېچىش مەقسىتىدە، مال- مۈلكىنى يۆتكىۋېتىش، مەبلىغىنى ئېلىپ كېتىش؛
  (3) سودا ئىناۋىتىنى يوقىتىش؛
  (4) قەرز تۆلەش ئىقتىدارىدىن قېلىش ياكى ئىقتىدارىدىن قېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.
  ئالاقىدارلار ھەقىقىي دەلىل- ئىسپاتى بولماي تۇرۇپ قەرز تۆلەشنى توختىتىپ قويسا، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  69- ماددا ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 68- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇشتا، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم. قارشى تەرەپ مۇۋاپىق كېپىللىك بەرگەندە، ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىجرا توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ ئىجرا ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسە ھەمدە مۇۋاپىق كېپىللىكمۇ بەرمىسە، ئىجرانى توختىتىپ قويغۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  70- ماددا ھەقدار ئايرىلىپ كەتكەن، قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ياكى ئولتۇرۇشلۇق جايىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى قەرزدارغا ئۇقتۇرماي، قەرز تۆلەشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسا، قەرزدار قەرز تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا ياكى نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.
  71- ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ مۇدەتتىن بۇرۇن تۆلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇدەتتىن بۇرۇن قەرز تۆلىسە ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  قەرزدارنىڭ مۇدەتتىن بۇرۇن قەرز تۆلىشى تەپەيلىدىن كۆپەيگەن ھەقدارنىڭ چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
  72- ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزنىڭ بىر قىسمىنى تۆلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن بىر قىسمىنى تۆلىسە، ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  قەرزدارنىڭ قەرزنىڭ بىر قىسمىنى تۆلىشى تۈپەيلىدىن كۆپەيگەن ھەقدارنىڭ چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
  73- ماددا قەرزدار ئۆزىنىڭ قەرەلى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلىق قىلىپ ھەقدارغا زىيان يەتكۈزسە، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنى ئۆز نامىدا ئورۇن بېسىپ يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن بۇ ھەقدارلىقنىڭ قەرزدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەقدارنىڭ ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى زۆرۈر چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
  74- ماددا قەرزدار ئۆزىنىڭ قەرەلى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ياكى مال- مۈلكىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ھەقدارغا زىيان سالسا، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قەرزدار مال- مۈلۈكنى روشەن نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ھەقدارغا زىيان سالسا ھەمدە ئۆتۈنمە قوبۇل قىلغۇچى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىمۇ، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەقدارنىڭ بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى زۆرۈر چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
  75- ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقى ھەقدار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. قەرزدارنىڭ ھەرىكىتى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە بىكار قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈلمىسە، بۇ بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.
  76- ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، نامىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل، مەسئۇل ۋە بېجىرگۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن توختام مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.