توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى

5- باب توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى
  77- ماددا ئالاقىدارلار كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندە، توختامنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
  قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توختامنى ئۆزگەرتىشتە تەستىقلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  78- ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغان مەزمۇنىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۆزگەرتىلمىگەن دەپ قارىلىدۇ.
  79- ماددا ھەقدار توختامدىكى ھوقۇقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
  (1) توختامنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى؛
  (2) ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى؛
  (3) قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى.
  80- ماددا ھەقدارلاردىن ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى قەرزدارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرمىغانلىرىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشى قەرزدار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
  ھەقدارنىڭ ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى ماقۇل بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  81- ماددا ھەقدار ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەقدارلىققا ئالاقىدار قوشۇمچە ھوقۇققا ئېرىشىدۇ، لېكىن بۇنداق قوشۇمچە ھوقۇقلار ھەقدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  82- ماددا قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتۈنگۈچىگە رەددىيە بەرمەكچى بولسا، ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچىغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
  83- ماددا قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئۆتۈنگۈچى ئالدىدا ھەقدارلىقى بولسا ھەمدە قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق مۇددىتى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ھەقدارلىق مۇددىتىدىن بالدۇر بولسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ توشسا، قەرزدار ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچىغا بالانىس قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
  84- ماددا قەرزدالاردىن توختامدىكى مەجبۇرىيەتنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىرى ھەقدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
  85- ماددا قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، يېڭى قەرزدار ئەسلىي قەرزدارغا ھەقدارغا رەددىيە بېرىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
  86- ماددا قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، يېڭى قەرزدار ئاساسىي قەرزگە ئالاقىدار قوشۇمچە قەرزنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇ قوشۇمچە قەرز ئەسلىي قەرزدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  87- ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى مەجبۇرىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە تەستىقلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  88- ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئۆزىنىڭ توختامدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۈچىنچى كىشىگە بىراقلا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.
  89- ماددا ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنى بىراقلا ئۆتۈنۈپ بېرىشتە مۇشۇ قانۇننىڭ 79- ماددىسىدىكى، 81- ماددىسىدىن 83- ماددىسىغىچە ھەم 85- ماددىسىدىن 87- ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
  90- ماددا ئالاقىدار توختام تۈزگەندىن كېيىن قوشۇلۇپ كەتسە، قوشۇلغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار توختامدىكى ھوقۇقنى يۈرگۈزىدۇ ھەم توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ. ئالاقىدارلار توختام تۈزگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كەتسە، ھەقدار بىلەن قەرزدارنىڭ ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئايرىلىپ كەتكەن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار توختامدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت ئالدىدا چاتما ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم چاتما قەرزنى تۆلەيدۇ.