3- باب توختامنىڭ كۈچى
  44- ماددا قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام پۈتكەن ۋاقتىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تەستىقلىتىش، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  45- ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەققىدە قوشۇمچە شەرتلەرنى پۈتۈشسە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى قويۇلغان توختام شەرت ھازىرلانغاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىكار قىلىش شەرتى قويۇلغان توختام شەرت ھازىرلانغاندىن باشلاپ كۈچتىن قالىدۇ.
  ئالاقىدارلار ئۆز مەپەئىتىنى كۆزلەپ شەرتنىڭ ھازىرلىنىشىغا يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلسا، شەرت ھازىرلاندى، دەپ قارىلىدۇ؛ شەرتنى يولسىزلىق بىلەن ھازىرلىغان بولسا، شەرت ھازىرلانمىدى، دەپ قارىلىدۇ.
  46- ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ كۈچى ھەققىدە قوشۇمچە مۆھلەت پۈتۈشسە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە بولۇش مۆھلىتى بولغان توختام مۆھلەت توشقاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاخىرلاشتۇرۇش مۆھلىتى بولغان توختام مۆھلەت توشقاندىن باشلاپ كۈچتىن قالىدۇ.
  47- ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر تۈزگەن توختام قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن ساپ پايدا توختامى ياكى يېشى، زېھنى، روھىي ساغلاملىقىغا يارىشا تۈزۈلگەن توختامنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ھاجەتسىز.
  ئاداچى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشىنى سۈيلىسە بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى، دەپ قارىلىدۇ. توختام ئېتراپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، ياخشى نىيەتلىك ئاداچىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بىكار قىلىشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
  48- ماددا ھەرىكەت قىلغۇچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا تۈزگەن توختام ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، جاۋابكارلىقنى ھەرىكەت قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  ئاداچى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشىنى سۈيلىسە بولىدۇ. ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى، دەپ قارىلىدۇ. توختام توختام ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ياخشى نىيەتلىك ئاداچىنىڭ بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بىكار قىلىشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
  49- ماددا ھەرىكەت قىلغۇچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشىنىش ئاساسى بولسا، بۇ ۋاكالەتلىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  50- ماددا قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، مەسئۇلى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ توختام تۈزگەن بولسا، ئاداچى ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ۋەكىللىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  51- ماددا بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشى باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى بىر ياقلىق قىلىشتا، ھوقۇق ئىگىسى ئېتىراپ قىلغان ياكى بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشى توختام تۈزۈشكەندىن كېيىن بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، بۇ توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  52- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە توختام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ:
  (1) بىر تەرەپ ئالداش، زورلار ۋاستىسى بولەن توختام تۈزۈپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛
  (2) يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛
  (3) قانۇنسىز مەقسەتنى قانۇنلۇق شەكىل بىلەن يوشۇرسا؛
  (4) جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛
  (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى مەجبۇرلاش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلسا.
  53- ماددا توختامدا جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر تۆۋەندىكى مەزمۇنلار كۈچكە ئىگە ئەمەس:
  (1) قارشى تەرەپنى جىسمانىي جەھەتتىن زەخمىلەندۈرۈش؛
  (2) قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مال- مۈلكىگە زىيان سېلىش.
  54- ماددا بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى توختاملارنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
  (1) زور ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن تۈزۈلگەن؛
  (2) تۈزۈلگەندىلا ئادىل بولمىغان.
  بىر تەرەپ ئالداش، زورلاش ۋاستىسىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقتىن پايدلىنىپ، قارشى تەرەپنى ھەقىقىي ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا تۈزدۈرگەن توختامنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  ئالاقىدارلار ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى بىكار قىلىۋەتسە بولمايدۇ.
  55- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ:
  (1) بىكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئالاقىدارلار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەن بولسا؛
  (2) بىكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئالاقىدارلار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن، بىكار قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ياكى ئۆز ھەرىكىتىدە ئىپادىلىگەن بولسا.
  56- ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس توختام ياكى بىكار قىلىنغان توختامنىڭ باشتىلا قانۇن چەكلەش كۈچى بولمايدۇ. توختامنىڭ قىسمەن كۈچكە ئىگە بولماسلىقى باشقا قىسىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىسە، باشقا قىسمى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.
  57- ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولمىسا، بىكار قىلىنسا ياكى ئاخىرلاشسا، ئۇنىڭدىكى تالاشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا دائىر مۇستەقىل ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
  58- ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولمىغان ياكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ توختام ئارقىلىق ئېرىشكەن مال- مۈلۈك قايتۇرۇلۇشى كېرەك. قايتۇرۇشقا بولمىسا ياكى قايتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەم بېرىلىشى كېرەك. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ بۇنىڭلىق بىلەن قارشى تەرەپكە سالغان زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم، سەۋەنلىك ئىككىلا تەرەپتە بولسا، ئىككىلا تەرەپ مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  59- ماددا ئالاقىدارلار يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى ئچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ ئېرىشكەن مال- مۈلۈك دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى كوللېكتىپ ۋە ئۈچىنچى كىشىگە قايتۇرۇلىدۇ.