تور چولپىنى (كۆپلىك ئاتىلىشى: تور چولپانلىرى) بولسا توردا نام چىقارغان ياكى مەلۇم دائىردىكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ياكى مۇخلىسلىرنىڭ ئالقىشىغان ئېرىشكەن تور تۇراچىسىدۇر. تور چولپانلىرى ئادەتتە ھەرخىل نەقسۇنۇم ياكى پودكەست سۇپىلىرىدا ئۆزنىڭ قىزىقارلىق ياكى مەنلىك ئۈن-سىن ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەگەشكۈچى توپلايدۇ. تور چولپانلىرنىڭ كۆپ قىسمنىڭ مەقسىتى ئىقتسادى كىرىم قىلىش. ھازىر كۆپ قوللىنىلدىغان ئىجتىمائى تاراتقۇ سۇپىسىدىن تىك توك، ئۈندىدار، ۋېيبو، كۈەيشوۋ، يوتىيۇب، سپوتىفاي، ۋە ئىنىستېگراملار باردۇر. تور چولپىنى ئادەتتە ئەسەرنىڭ فورماتىغان ئاساسەن بىلوگىر(ئەسەر يازىدىغان)، ۋىلوگىر(ۋىدىيو ياكى سن ئىشلەيدىغان)، ئۈنلوگىر (ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەيدىغان) قاتارلىقلارغا بۈلىندۇ.