ئى ① <بوت> تال ۋە تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ . ياغىچى قۇرۇلۇش ، ئۆي جاھازىلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ ، تارىم ۋادىسىغا كەڭ تارقالغان . ② غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى.[1]

ھۆججەت:Toghraq.jpg
توغراق

توغراق – زېمىن تاللىمايدىغان، ماسلىشىشچانلىقى، چىدامچانلىقى كۈچلۈك، ئۆمرى ئۇزۇن، دۆلەت تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان دەرەخ. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىلا 3 مىليون 400 مىڭ مودىن كۆپرەك توغراقلىق بار. بۇ توغراقلىقلار ئاساسلىقى تارىم دەرياسى، يەكەن دەرياسى ۋە ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا مەركەزلەشكەن.

ئىپتىدائىي توغراقلىقلار ئەزەلدىن بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇ مەنبەسىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. 2000 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدا توغراق نامىدىكى بايراملار، سەيلىگاھلار، ئەسەرلەر ۋە توغراقلىقنى قوغداش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلدى. 2007 – يىلى مارالبېشى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك توغراق بايرىمىدا نەچچە 10 مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان سەيلىگاھلارنىڭ كۆپىنىڭ نامىنىڭ ‹‹توغراق›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، شۇ ئورۇننىڭ جۇغراپىيەلىك يەر شارائىتى ۋە شۇ جايدىكى توغراقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

قىسقىسى، توغراق نامىدىكى بايراملار، سەيلىگاھلار، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقنى قوغداش خىزمىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. توغراق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم كوزىرغا ئايلاندى.[2]

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
  2. تۇرسۇن ئېلى، تەڭرىتاغ تورى، 27 دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى