توغۇ بالىق تارىختا ئۇيغۇر توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ياشىغان ۋە مىلادى 715-يىلى توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ كېيىنكى تۈرك قاغانلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان جايى بولۇش بىلەن تونۇلماقتا ئىدى. ئارخېئولوگلار بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرچىلىك ۋە شەھەر مەدەنىيىتى تارىخىنى يۈز يىل ئالدىغا سۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. توغۇ بالىقنىڭ كېيىنكى تۈرك قاغانلىقى خىتاينىڭ تاڭ خاندانلىقىغا بېقىنىپ قالغان مىلادىيە 630-يىللىرىدىن مىلادىيە 680-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خارابلىشىش دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلماقتا.

«توغۇ بالىق»، يەنى شەرقىي بالىق شەھىرىنىڭ ئىسمى، ئىككىنچى كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە، شۇنداقلا تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مىلادى 840-يىلى ئۇيغۇر ئورخۇن دۆلىتى يېقىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشىدىن كېيىن تاشلىنىپ كەتكەن بۇ شەھەرنىڭ ئورنى ھازىرغا قەدەر بىر سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى. تۈركىيە ۋە موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ يېقىندا موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئورقۇن دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى بولغان تۇئۇل دەرياسى ۋادىسى ياكى قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىي ھۆججەتلىرىدىكى تۇغلا دەرياسى ۋادىسىدا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ، يەنى 8-ئەسىرلەردىكى ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان ئاساسلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غايىب بولغان شەھىرى «توغۇ بالىق» نىڭ ئورنى بايقالغان.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش