توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۇ تېشى

بۇ يادىكارلىقنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دۇر. ئۇ 1899-يىلى موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان قارا بالغاسۇن شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى سايرام كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن،«توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» غا قەدىمكى تۈركچە، سوغدىچە ۋە خەنزۇچە ئۈچ خىل يېزىقتا خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمكى تۈركچە تېكىستى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچۇرىغان، پەقەت ئىنتايىن ئاز قىسىمىلا ساقلىنىپ قالغان، سوغدىچە قىسىمىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولۇپ، ئانچە كۆپ ساقلىنىپ قالمىغان، پەقەت خەنزۇچە قىسىمىلا مۇكەممەلرەك ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ساقلىنىپ قالغان قسىمى تەخمىنەن 1600خەت ئەتراپىدا كېلىدۇ. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىغا دائىر يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي تەزكىرە شەكىلىدە يېزىلغان مۇھىم بىر مەڭگۈ تاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى كۆل بىلگە قاغان (742-747-)يىللار دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ بىلگە قاغان (يەنى ئادالەت قۇچقان قاغان، 808-821-يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلقىنىڭ تارىخى، ئادالەت قۇچقان قاغاننىڭ خانلىق ھاكىمىيىتىنى ۋە زېمىن تېررىتورىيىسىنى مۇستەھكەملەش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى،بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىش ، جۇڭغا ۋە تارىم ۋادىلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، بېشىبالىق، كۇچار قاتارلىق جايلارنى تىبەتلەردىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقى مەدھىيىلەنگەن. خەنزۇچە قىسىمدىكى خاتىرىلەرگە ئاسالانغاندا، بۇ يادىكارلىق ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا بىرنەچچە ئەۋلات باش ۋەزىرى بولغان ئىل ئۈگەسى تەرىپىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 814-يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتۇرى باغا تارقان دېگەن كىشى ئىكەن.