توك، سۇ، گاز ۋە پار بېرىش- ئىشلىتىش توختامى

10- باب توك، سۇ، گاز ۋە پار بېرىش- ئىشلىتىش توختامى

  176- ماددا توك بېرىش- ئىشلىتىش توختامى توك بەرگۈچى توك ئىشلەتكۈچىگە توك بېرىدىغان، توك ئىشلەتكۈچى توك پۇلىنى تۆلەيدىغان توختامدۇر.
  177- ماددا توك بېرىش- ئىشلىتىش توختامىنىڭ مەزمۇنى توك بېرىش ئۇسۇلى، سۈپىتى، ۋاقتى، توك ئىشلىتىش سىغىمچانلىقى، ئادرېسى، خاراكتېرى، ئۆلچەش ئۇسۇلى، توك باھاسى ۋە توك پۇلىنى راسچوت قىلىش ئۇسۇلى، توك بېرىش ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش جاۋابكارلىقى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  178- ماددا توك بېرىش- ئىشلىتىش توختامى ئىجرا قىلىنىدىغان جاي ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، توك بېرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئايرىلغان جاي توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جاي بولىدۇ.
  179- توك بەرگۈچى توكنى دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمى ۋە پۈتۈم بويىچە بىخەتەر بېرىشى كېرەك. توك بەرگۈچىلەردىن توكنى دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمى ۋە پۈتۈم بويىچە بىخەتەر بەرمەي، توك ئىشلەتكۈچىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  180- ماددا توك بەرگۈچى توك بېرىش ئەسلىھەلىرىنى پىلانلىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ۋاقىتلىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، توك ئىشلىتىشكە قانۇن بويىچە چەك قويۇش ياكى توك ئىشلەتكۈچى توكنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن توك بېرىشنى توختىتىشقا توغرا كەلسە، توك ئىشلەتكۈچىگە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدىن ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالدىن ئۇقتۇرماي توكنى ئۈزۈپ قويۇپ، توك ئىشلەتكۈچىگە زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  181- ماددا تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توك ئۈزۈلۈپ قالسا، توك بەرگۈچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك. توك ئىشلەتكۈچىلەردىن توك پۇلىنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك. سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ توك ئىشلەتكۈچى توك پۇلى ۋە خىلاپلىق پۇلىنى مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرمىسا، توك بەرگۈچى توكنى دۆلەت بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە توختىتىپ قويسا بولىدۇ.
  183- ماددا توك ئىشلەتكۈچى توكنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە بىخەتەر ئىشلىتىشى كېرەك. توك ئىشلەتكۈچىلەردىن توكنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە بىخەتەر ئىشلەتمەي، توك بەرگۈچىگە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  184- ماددا سۇ بېرىش- ئىشلىتىش، گاز بېرىش- ئىشلىتىش، پار بېرىش- ئىشلىتىش، توختاملىرىدا توك بېرىش- ئىشلىتىش توختامىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەردىن پايدىلىنىدۇ.