تىران ئارىلى (ئەرەبچە: جزيرة تيران) بولسا تىران بوغۇزىغا جايلاشقان بىر ئارالدۇر. يەر كۆلىمى 80 كۋادىرات كلومېتر كېلىدۇ. ئەقەبە قولتۇقىنىڭ قىزىل دېڭىزغا قويۇلىدىغان يېرە بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى نىھايەتتە مۇھىم. ئارال مىسىرغا قاراشلىقتۇر. ئارالدا دائىمىي ئولتۇراق يوقتۇر، لېكىن مىسىر ئوردۇسى ۋە كۆپ دۆلەت كۆزەتكۈچىلىرى ئارالدا ۋاقىتلىق تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر بۇ ئارالنى مەركەز قىلىپ ئىككى دۆلەتنى تۇتاشتۇرۇدىغان كۆۋرۈك ياسىماقچى.