تۆرۈنگەي، يەر يۈزىدە ياراتلىغان تۇنجى ئىنسان ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئاتىسى ئادەمدۇر. تۈرۈنگەي (تورونغاي) ھەم دېيىلىدۇ. كۆكتە\ئەرشتە ياشايدۇ. نە بىر مىللەتكە، نە بىر قەبىلىگە ۋە نە بىر ۋەتەنگە مەنسۇب ئەمەس. دەسلەبتە ئايالى يوقتۇر. كېيىنچە يەر يۈزىگە ئىبەرىلگەندە ئۇلۇقايىن (ياكى ئۇلۇغ ئاتا) تەرىپىدىن ئۇنىڭغا سۇ، ئوت ۋە تۆمۈر بېرىلگەن. ئايالىنىڭ ئىسمى ئەجە ئېرۇر. 50 ئىشىكلىك، 40 پەنجىرىلىك، ئۆگزىسى 30 غېرىچلىق بىر ئۆيى باردۇر. ئۆكۈزلىرى بىلەن يەر تېرىيدىغان، ھەم ساپاننى ئىجاد قىلغان ئادەمدۇر. قىمىزنى ئىجاد قىلغانمۇ ئۇدۇر. بەئزىدە كۆكتىن چۈشكەنمۇ ياكى يەردىن ئۈنگەنمۇ بىلگىلى بولمايدىغان ئادەملەرنى ئىپادىلەشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئوتنى كەشىپ قىلغان ۋە ئۆز يۇرتىدىن قوغلىنىدۇ. بۇ ئادەم ئاتىنىڭ قوغلىنىشىغا ئوخشىشىدۇ. ئىسلام، خرىستىيانلىق، ۋە يەھۇديىلىكنىڭ تەئسىرى بىلەن لايدىن يارالغان دەپ قارالماقتا.

ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئىسىملىرى ئەجەي (ئەجە) ۋە ئەللەي (ئەلە) دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.

سوغوتوخ خان تەھرىرلەش

ساخالارنىڭ (ياقۇتلارنىڭ) ئاتاسىدۇر. سوقوتوخ (سوغوتوغ) خان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەئزىدە يەر يۈزىدە تۇنجى ئىنسان دەپمۇ قارىلىدۇ. بەئزى مەنبئەلەردە ئوغۇزخان بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سوقوتوخ خاننىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى تۇنالىقان، قېيناتىسىنىڭ ئىسمى ئوموقوي خان ئېرۇر. سۆز: بىر\ يالغۇز، ئاددى، ساپ، ئاق دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. ياقۇتچە سوخو كىل دېيىلىدۇ.

ئېتىمولوگىيىسى تەھرىرلەش

(تۆر\تۈر) تومۇرىدىن كەلمەكتە. تۆرە\تۈرە\ تۆرۆ سۆزلىرى ئادالەت ۋە قانۇن مەنىسىگە ئىگە. تۈرك كەلىمىسى بىلەن تومۇرداشتۇر. تۆر\تۆرۈ\تۈرە\تۇرو\تۇرۇ سۆزلىرى موڭغۇلچە ئەمر، يۇسۇن ۋە شۇنداقلا توي ۋە توغۇت مەنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.

مەنبئە تەھرىرلەش

تۈرك ئەپسانە سۆزلۈكى، دېڭىز قاراقۇرت، تۈركىيە، 2011.