ئۇيغۇرلاردا تۆمۈرچىلىكنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخىي ئۇزاق. ئۇ ئاق ئىش، قارا ئىش، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. پىچاقچىلىق –– ئۇستىرا، قىلىچ، قايچا، قىڭراق، رەندە تىغى، ئىسكىنە، ئۈشكە، كەكە، پالتا، ئىكەك دەرەش؛ قۇلۇپ، قاغىتۇمشۇق، ئىشىك زەنجىرى، ئوۋ مىلتىقى؛ تۈنىكىسازلىق، مىسكەرلىك، زەرگەرلىك ئەسۋابلىرى قاتارلىق 163 خىلدىن ئارتۇق ھۈنەر تۆمۈرچىلىكتىكى ئاق ئىش تۈرىگە كىرىدۇ.

    كەتمەن، كۈرەك، ئورغاق، بولقا، بازغان، لوم، تاقا، تال، مىخ، قاماق (ماخاڭ)، ئىشكەل –  كىشەن، قاپقان، چوڭ دەرۋازىلارنىڭ زەنجىر –  ھالقىسى، ھارۋا –  مەپە، ئات ئىگەر –  جابدۇقى، تۈگمەن، جۇۋاز، سوقام، توسما، قۇرۇلۇش سايمانلىرى قاتارلىق 160 خىلدىن ئارتۇق ھۈنەر قارا ئىش تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا يەنە بۇ ئىشلارنىڭ كەسىپ ئايرىمىسى بار. پىچاقچىلىق، كەتمەنچىلىك، قۇلۇپسازلىق، تۈنىكىسازلىق، مىسكەرلىك، تاقىچىلىق قاتارلىقلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھۈنەر –  كەسىپ بولۇپ، بۇ كەسىپلەردىكى ھۈنەرۋەنلەر ئۆز سەنئىتىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش يولىدا باشقا كەسىپلەرنىمۇ قوشۇمچە ئىشلەيدۇ.

    يۇقىرىقى كەسىپلەرنىڭ ئايرىمىسى بولسىمۇ، ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار ئوخشاش. مەسىلەن: ئوچاق، كۆمۈر، كۆيەك، بولقا، بازغان، سەندەل، قايچا، قىسقۇچ، ئىكەك، داغمال، تۆمۈر ئۈشكە، كەپشەر، دانىكا، سېركول قاتارلىقلار.

    ئۇستىكارلار تۆمۈر بىلەن ئىشلىنىدىغان ھەرقانداق ھۈنەرگە ماھىر بولۇپلا قالماستىن، تۆمۈرنى تۆمۈرگە، پولاتنى تۆمۈرگە قوشۇپ كەپشەرلەشكىمۇ ئۇستا. ئۇلار تىغ تىپىدىكى پىچاق، قىلىچ، قىڭراق، كەتمەن، ئورغاق قاتارلىقلارنىڭ دەستىسىنى تۆمۈردىن، بىسىنى پولاتتىن ياسايدۇ، يەنى بىسىغا پولات ئۇيۇتىدۇ. ئۇستىكارلار قوللانغان دانىكا بىلەن كەپشەرلەش ئۆزىگە خاس كەشپىيات ھېسابلىنىدۇ.

    تۆمۈرچىلەر ھەرقانداق ئەسۋابنى كۆز چېنى –  مۆلچەرى بىلەن ياسىغان، قېلىپ، ئەندىز ئىشلەتمىگەن، تۆمۈرنى قىزىتىش –  ئېرىتىشتا  ئەزەلدىن توغراق، قارىغاي‹‹كۆمۈرى››نى ئىشلەتكەن، ھازىر كوكۇس ئىشلىتىش ئومۇملاشتى.  [1]

  1. مۇھەررىر : قـەيسەر؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 03- 29 14:18؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-03/29/content_172793.htm